تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئېلېكتىرونلۇق كىتابقا قارىغاندا باسما كىتابلار بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق

  ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقى، 3-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا باسما كىتابلارنى ئوقۇپ بەرسە ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى ئوقۇپ بەرگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن، چۈنكى باسما كىتابلارنى ئوقۇغاندا ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئوڭايلا مەنىلىك سۆھبەت بولۇنىدىكەن، بۇ سۆھبەت ياكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بالىنىڭ ئالاقە قىلىش، ھېسسىيات ۋە بىلىش تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

  دوكتۇر مۇنزېرنىڭ كوللېكتىپى مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن، ئۇلار تەجرىبىخانىدا 37 ئاتا(ئانا)-بالىنىڭ ئورتاقلىشىپ ئوقۇغان ھالىتىنى سىنغا ئالغان. ئاتا-ئانىلار ئەنئەنىۋىي باسما كىتابلار، ئادەتتىكى ئېلېكتىرونلۇق كىتابلار، ئاۋاز ئۈنۈمى ۋە كارتون ئۈنۈمى قاتارلىق قوشۇمچە ئىقتىدارلارغا ئىگە ئېلېكترونلۇق كىتابلاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئوقۇشلۇقلاردا ئوخشىشىدىغان ھېكايىلەرنى ئوقۇغان. ھەر قېتىملىق ئوقۇش جاريانىدا، تەتقىقاتچىلار ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ سۆھبىتى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى كۆزەتكەن.

  تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، باسما كىتاب ئوقۇغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن كىتابتىكى مەزمۇنلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ پاراڭلاشقان، مەسىلەن، ئاتا- ئانىلار كىتاب ئوقۇشتىن توختاپ بالىلىرىدىن بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن، كىتابتىكى ۋەقەلىك بىلەن ئوخشىشىدىغان ئىشلارنىڭ ئېسىدە بار-يوقلۇقىنى سورىغان، ياكى بالىلىرىغا كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغۇزغان. بالىلارمۇ ئۆزلۈكىدىن بەزى سوئاللارنى سورىغان ياكى كىتابتىكى ۋەقەلىكلەرگە بولغان قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن. باشقا ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللانغانلارغا نىسبەتەن، ئاۋازلىق ياكى كارتون ئۈنۈملۈك ئېلېكتىرونلۇق كىتابلار قوزغاتقان پىكىر ئالماشتۇرۇش ئادەتتىكى ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنىڭكىدىن كۆپرەك بولغان.

  بۇ تەتقىقات ماقالىسىنىڭ يەنە بىر شېرىك ئاپتورى تومپوپولوس مۇنداق دېدى: «باسما كىتابلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ئورتاقلىشىپ ئوقۇش پائالىيىتى بالىلارنىڭ تىل، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.»

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ