تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

گۈزەللىكلەردىن ئورتاقلىشىدىغان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى كارتىنىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىش

ــــ  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى بەي جيې، يىڭ چياڭ، ۋاڭ بىن، ۋاڭ جولۇن

  مەيىن شامال گۈل - گىياھلارنىڭ ھىدىنى تارقىتىپ، پۈتۈن كائىنات يېڭى تۈسكە كىرگەن پەسىلدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلغان سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  بەش يىل ئىلگىرى، دەل مۇشۇنداق باھار كۈنلىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ پارىژدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا نۇتۇق سۆزلەپ، مەدەنىيلىكنىڭ رەڭدار، باراۋەر، سىغدۇرۇشچان ئىكەنلىكىنى مۇپەسسەل كۆرسىتىپ بېرىپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك قارىشىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى ــــ

  «بىز ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئىناق بىللە تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۆۋرۈكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ رىشتىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك».

  بەش يىلدىن بۇيان، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇدرەت ئېلىپ، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، رەڭگارەڭ، كۆركەم بولغان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى كارتىنىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقتى.

  پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ــــ «ئىناقلىق، ھەمكارلىق» ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالدى.

  كۆڭلى كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ بولۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ــــ مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قەلب رىشتىسى كۆۋرۈكى بەرپا قىلدى.

  گۈزەللىكلەردىن ئورتاقلىشىدىغان دۇنيا بۈيۈك بىرلىكى ــــ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئورتاق تۈرتكە بولدى.

  تىنچلىق مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزۈلدۈرمەي، مەدەنىيلىكنىڭ شانلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەلبداش بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئاچىدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ