تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ چېڭجۇڭ، ئىختىيارى مۇخبىر لى تېلىن): 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ 2019-يىللىق ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش پائالىيىتى ئاقيار بازىرى توشقان دەرياسى ئېكولوگىيەلىك تۈزەش، مەركەزلەشتۈرۈپ ئورمان بەرپا قىلىش بازىسىدا باشلاندى، پائالىيەتكە ھەرقايسى يېزا (بازار)، ئورمان باشقۇرۇش پونكىتى ھەمدە پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرقايسى ئورۇن، ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئىشچى -خىزمەتچى، كادىرلىرىدىن 1500 كىشى قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇيىل ئۈچتۇرپان ناھىيەسى نۇقتىلىق ئېكولوگىيەنى فۇنكىسىيەلىك كونترول قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش سۈرئىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، توشقان دەرياسى ئېكولوگىيە فۇنكىسىيەلىك رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ناھىيە دائىرىسىدە 36مىڭ 400 مو يەرگە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقيار بازىرى توشقان دەرياسى ئېكولوگىيەلىك تۈزەش، مەركەزلەشتۈرۈپ ئورمان بەرپا قىلىش بازىسى 20 مىڭ مو يەرنى، ئاقيار بازارلىق غوللۇق كەنتىدىكى ئۆرۈكزارلىق 100 مو يەرنى، ئوتبېشى يېزىسىدىكى جىغانلىق ئورمىنى 6300 مو يەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ھەرقايسى يېزا بازارلاردىكى ئاھالىلەر 10 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگەن.
شۇ كۈنى، ئاقيار بازىرى توشقان دەرياسى ئېكولوگىيەلىك تۈزەش، مەركەزلەشتۈرۈپ ئورمان بەرپا قىلىش بازىسىدا رەڭدار بايراقلار لەپىلدەپ، قاينام –تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەمگەك مەنزىرىسى شەكىللەندى، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاھالىلەردىن مەخمۇت ھامۇت مۇنداق دېدى: «كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپ، مۇھىتنى كۆكەرتىشتە، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، مۇھىتنىڭ بارغانسېرى گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەخەت مۇنداق دېدى: «چۆلدە كۆچەت تىكىشتە، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسىبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئېرىقچە تاللاپ ئورەك كولاپ، ئوغۇت توپلاپ ۋە توپا تىندۇرغاندىن كېيىن، كۆچەت تىكىش، يەنە تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق».
ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم تۇرغۇن ئابلا مۇنداق دېدى: «كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى <ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش> كۆرسەتمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ياخشى ئىش. بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇش روھى بىلەن، ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئۈچتۇرپان قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك».