تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارمۇ خولېستېرىننى تەكشۈرتۈشى كېرەك

  ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى كۆرسەتمىدە، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىش ئىكەنلىكى، ئىككى يېشىدىن باشلاپلا خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ۋە سەكتە بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

  ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ «كاردىن چىققان» خولېستېرىن(تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنى LDL) سەۋىيەسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئوڭايلا قان نوكچىسى شەكىللىنىش ۋە ئارتېرىيە تارىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. LDL نىڭ قويۇقلۇقىنى 100 مىللىگىرام ھەر لېتىردىن تۆۋەنلەتكەندە، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئېۋور بېنجامىن مۇنداق دېدى: ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر قانداق ياش باسقۇچىدا خولېستېرىن سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا، كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئوخشاشلا يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.

  يېڭى كۆرسەتمىدە تەۋسىيە قىلىنغان «خاسلاشتۇرۇلغان» ماينى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) CT دا ئارتېرىيە قېتىش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خەۋپ-خەتەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي باھالاش يۈرەك كېسىلىنىڭ كونكرېت خەۋپىنى تېپىپ چىقىشقا پايدىلىق. (2) نۆۋەتتە تىرىشىپ قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىۋاتقان يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپى تاتىن تۈرىدىكى دورىلارنى يېيىش ئاساسىدا، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنىمۇ كۆپەيتىشى كېرەك. (3) 9~ 11 ياشلىق بالىلار كېسەللىك خەۋپ- خەتىرىنى تېخىمۇ بالدۇر باھالاشقا ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، دەسلەپكى خولېستېرىن قان تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلى جەمەت كېسەللىك تارىخى بار بالىلار، ئىككى ياشتىن باشلاپلا خولېستېرىن قان تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ