تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گۇ گۇيخۇڭ): شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى قۇرۇلۇش كوچا باشقارمىسى نەشپۈت مەھەللىسى تەۋەلىكىدىكى خۇايۈ . يىجىڭۋەن ئولتۇراق رايونىدا بىر ساتىراچ بولۇپ، ئۇنىڭ دۇكىنى كۆزگە ئانچە چېلىقمايدۇ، ئەمما ئولتۇراق رايوندىكى نۇرغۇن ياشانغانلارنى جەلپ قىلغان.
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، بۇ يىل 81 ياشقا كىرگەن ساۋ جېن بوۋاي مۇخبىرغا :«ياخشى يىگىت، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ!»،دېدى.
بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى گو شياۋفېي، بۇ يىل 38 ياشقا كىردى، ساتىراچلىق قىلىۋاتقىنىغا 17 يىل بولدى. ئۇ 2017-يىلى خۇايۈ . يىجىڭۋەن ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى بۇ دۇكاننى سېتىۋالغان.
گو شياۋفېي بىلەن ياشانغانلارنىڭ تەقدىرىنى تاساددىپىي كەلگەن بىر قېتىملىق پۇرسەتتىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىر قېتىم بىر ياشانغان دۇكانغا كېلىپ، ئايالىنىڭ پۇتىنىڭ قولايسىزلىقىنى، ئۆيدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆيگە بېرىپ چاچ ياساش ۋە ياسىماسلىقنى سورايدۇ؟ گو شياۋفېي ماقۇل بولىدۇ، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن،گو شياۋفېي ھەر بىر،ئىككى ئايدا ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چاچ ياساپ قويىدۇ.
ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ چاچ ياساپ قويىدىغان بۇ ساتىراچ ئۇستامنى ئولتۇراق رايوندىكىلەر ئاستا-ئاستا تونىدى، كىمنىڭ ئۆيىدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان، پۇتى قولايسىز ئاغرىقلار بولسا، گو شياۋفېي بۇرۇنقىدەكلا تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئولتۇراق رايوندىكى ياشانغانلارمۇ ئۇنىڭ ساتىراچخانىسىغا كېلىپ چاچ ياسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
«بىز كۈندىلىك ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا، گو شياۋفېيغا ئوخشاش پىدائىيلارچە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدىغان پىدائىيلارنى بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشكىللەپ، پىدائىيلار بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ئالاقىلاشقۇچى قىلدۇق، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، بۇ ئارقىلىق مەھەللە خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىدۇق.» نەشپۈت مەھەللىسى پاتكومىنىڭ شۇجىسى گاۋ جىنلىن شۇنداق دېدى.