تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون بۇ يىل 2747 مەمۇرنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدۇ

3- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە تىزىملىتىلىدۇ، 4- ئاينىڭ 20-،21- كۈنلىرى يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. 2019- يىللىق ئاپتونوم رايون پىلانلىغان جەمئىيەتتىن 2747 مەمۇرنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 3- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 4- ئاينىڭ 20-، 21- كۈنلىرى بولۇپ، 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىشتا نوپۇس تەۋەلىكىگە قويۇلىدىغان چەكلىمىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ، ئاز مىقداردىكى ئىش ئورنىنى ئاجرىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىن قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى. مەمۇرلۇققا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش داۋاملىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە مايىللاشتۇرۇلىدۇ، ناھىيە، يېزا ئورگانلىرىغا قوبۇل قىلىش پىلانى ئومۇمىي ساننىڭ %67ىنى ئىگىلەيدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: بىرىنچى، 2019- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدۇ، لېكىن سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەندە جەزمەن مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى ھەم ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان خىزمەت ئورنى ئاشكارا ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى جەزمەن ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، كەسىپ جەھەتتە دۆلەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ پەن، كەسىپ مۇندەرىجىسىدىن پايدىلىنىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا جەزمەن ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىدە ئېنىق ئىزاھلانغان كەسىپنىڭ تولۇق ئاتىلىشى بويىچە، دۆلەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئاسپىرانتلىق مۇندەرىجىسى، تولۇق كۇرس مۇندەرىجىسى، مەخسۇس كۇرس مۇندەرىجىسى ۋە تولۇقلىما مۇندەرىجىدىكى كەسىپ ۋە كەسىپ تۈرى تەلىپىگە ئاساسەن مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش خىزمەت ئورنى جەدۋىلىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ شارائىتى ئۇيغۇن كېلىدىغان خىزمەت ئورنىنى تاللاپ تىزىملاتسا بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تاللاپ تىزىملاتقان خىزمەت ئورنى بېكىتىلگەن ھامان، سىستېما تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. سىستېما يەنە تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان سالاھىيەت بىلەن قايتا تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئاپتوماتىك چەكلەيدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن خىزمەت ئورنىنى تاللاپ تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. تۆتىنچى، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خادىملار قوبۇل قىلىنىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، خىزمەت ئورنىغا بارغاندىن كېيىن، تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، خەلق ساقچىلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا - بازار مەمۇرلىرىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا يەسلىلىرىگە بېرىپ، بىر يىل مائارىپقا ياردەم بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان ئىمتىھان ئالغۇچىلار ياكى خىزمەتچى خادىملاردىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلار ھەمدە باشقا ئىمتىھاندا پايدا - زىيان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلارغا قارىتا ھۆكۈمەت خىزمىتىدە چەتلەپ تۇرۇش قاتتىق يولغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ دەلىللەنمىگەن ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە ئېلان قىلىپ، ئىمتىھان ئېلىش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋاللىرىنى قەتئىي تازىلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرۇش تارمىقى شۇنى جىددىي بىلدۈرىدۇكى، بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا كونسۇلتاتسىيە كىتابلىرى كۆرسىتىپ بېرىلمەيدۇ، مەمۇرلار ئىمتىھانى كونسۇلتاتسىيە سىنىپى ياكى تەربىيەلەش سىنىپى ئۇيۇشتۇرۇلمايدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق ئاپپاراتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىنمايدۇ. ھازىر جەمئىيەتتە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان تۈرلۈك مەمۇرلارنى تەربىيەلەش سىنىپلىرى ۋە تارقىتىلغان نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىردەك بۇ قېتىمقى ئىمتىھان بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئېھتىيات قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  ئىمتىھان ئېلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئالاقىدار تەپسىلىي ئەھۋاللارنى شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (/http://www.xjkunlun.cn)، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)غا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ