تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قوغۇننىڭ شېرىن تەمىنى خەلققە تەقدىم قىلىمەن

ــــ جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، قوغۇن - تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋۇ مىڭجۇ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

      ئىلاۋە

  ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. نەچچە مىڭ يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، نەچچە يۈز يىللىق «چاڭ - توزان»لارنى بۆسۈپ ئۆتكەن جۇڭخۇا مىللىتى گۈللىنىش مۇساپىسىدە مەردانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى «ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كۈرەش قىلغۇچىلار» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ ھەم يېڭى تاراتقۇلار سۇپىسىنىڭ باش بېتىدە ماس قەدەمدە مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كۆپ نۇقتىدىن، كۆپ خىل شەكىلدە 70 يىلدىن بۇيان تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تەر تۆكۈپ ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى گۈللەندۈرۈشتەك ئارزۇغا ئىنتىلىش ھېكايىسىنى، ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن قەسەم بىلەن ئىرادە باغلاپ كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جاپادىن قورقماسلىقتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ قومۇل قوغۇنى دۆلەت ئىچى - سىرتىغا داڭلىق، لېكىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇ بالدەك تاتلىق قوغۇنغا بىر ئايال ئالىمنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك يۈرەك قېنى ۋە رىشتىنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ دەل جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق قوغۇن - تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋۇ مىڭجۇ. «بۈگۈنگە قەدەر، شىنجاڭدىكى بارلىق كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدىغان قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ ھەممىسىنى ئاكادېمىك ۋۇ مىڭجۇ بىزنى يېتەكلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان» دېدى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قومۇل قوغۇنى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يى خوڭپىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

  ۋۇ مىڭجۇ مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى بۆلۈمىدىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، بېيجىڭدىن شىنجاڭدىكى چۆللۈككە كېلىپ يىلتىز تارتتى؛ ئۇ مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئىدى، ئەمما مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىپ قوغۇن تېرىدى؛ «ئاكادېمىكلار بىناسى»نى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، ئىزچىل ئاددىي ئۆيدە ئولتۇردى. كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە، 89 ياشلىق ۋۇ مىڭجۇ قالتىس شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھەمىشە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىم دەل نەچچە قوغۇن بولۇپ چۈشۈپ، قوغۇننىڭ شېرىن تەمىنى خەلققە تەقدىم قىلىش».

  «ئەڭ جاپالىق جايغا بېرىپ ئارزۇيۇمنى قاناتلاندۇرىمەن»

  1930- يىلى، ۋۇ مىڭجۇ ۋۇخەندىكى بىر ئالىي زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «مىچۇرىن» دېگەن كىنوسىنى كۆرگەندىن كېيىن باغۋەنچىلىككە مەپتۇن بولۇپ قالغان. 1949- يىلى، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، غەربىي جەنۇب يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى (ھازىرقى غەربىي جەنۇب داشۆسى) باغۋەنچىلىك فاكۇلتېتىنىڭ مېۋە - كۆكتات كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى چوڭ ئورگانغا ئىشقا چۈشكەنلىكى تەڭتۇشلىرىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن، ۋۇ مىڭجۇ ئەكسىچە ئىنتايىن پەرىشان بولغان: «بۇ ئاساسىي قاتلام ئەمەس، مەن ئەڭ جاپالىق جايغا بېرىپ، ئارزۇيۇمنى قاناتلاندۇرۇشنى ئويلايمەن».

  1955- يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ مەركەزدىن كادىر تەلەپ قىلغان، ۋۇ مىڭجۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، ئاخىر ئارزۇسىغا يەتكەن. يولغا چىقىش ئالدىدا، ياش خىزمەتداشلىرى چوڭ ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»نى ئېيتىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. ئاپتوموبىل تيەنئەنمېننى بىر ئايلاندى، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش ئىرادىسى كۈچلۈك ۋۇ مىڭجۇ ئۈن - تىنسىز ھالدا: «مەن چوقۇم شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېگەن ئارزۇغا كەلدى.

  ئەڭ دەسلەپ، ۋۇ مىڭجۇ ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى ۋىلايەتلىك پارتكومغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى، بۇ تېخى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئاساسىي قاتلام ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنە قايتا - قايتا تەلەپ قىلغانلىقتىن، ئاخىر شارائىتى جاپالىق بولغان پىچان ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتىغا ئەۋەتىلدى. يۇرتداشلارنىڭ پاكار كېسەك ئۆيىدە تۇردى، ئىشىكتىن چىقسىلا قوغۇنلۇق ئىدى. ئۇ ئارزۇسىغا يېتىپ، ئاخىر ئۆز ئارزۇسى باشلانغان جايدا تۇرغاندەك ھېس قىلدى.

  ئەينى يىلدىكى ۋۇ مىڭجۇ، يەنىلا جەنۇبىي جۇڭگولۇق ۋىجىك قىزچاق بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى پەقەت 1.55 مېتىر، ئېغىرلىقى ئاران 30 نەچچە كىلوگىرام كېلەتتى. پىچانغا كېلىپلا، ئۇ يۇرتداشلارنىڭ ئۆيىدە تۇردى، ئۇ تېزلا نان يېيىش، قوي گۆشى يېشىشكە ئادەتلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالدى. يۇرتداشلار ئۇنىڭغا چىرايلىق قىلىپ ئايىمخان (ئاي قىز) دەپ ئىسىم قويدى، ئۇنى «ئىرادىسى پولاتتەك مۇستەھكەم، ئىش قىلسا خورازنىڭ پېيىدەك چىرايلىق قىلىدۇ» دەپ ماختاشتى.

  قومۇل قوغۇنى ياز ۋە كۈز ئالماشقاندا پىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا تۇرپاننىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 45 سېلسىيە گىرادۇس ئىدى. 20- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرى، ۋۇ مىڭجۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن سورت بايلىقىنى تەكشۈرۈش، يىغىش ئۈچۈن پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى 300 نەچچە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنى ئايلىنىپ چىقتى، قوغۇنلۇقلارنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقتى.

  ۋۇ مىڭجۇ يىغقان 100 نەچچە نۇسخا بايلىقتىن، 44 خىل سورتنى رەتلەپ چىقتى. شىنجاڭ قوغۇنى ئۈچۈن تۇنجى بايلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەلا سورتتىن خۇڭشىنسۈي، شياڭلىخۇاڭ، شياۋچىڭپى قاتارلىق 30غا يېقىن يېڭى سورتنى سىستېمىلىق تاللاپ يېتىشتۈرۈپ ساپلاشتۇردى. ئۇ يېتىشتۈرگەن قوغۇن يېڭى سورتىنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمى ئىلگىرى شىنجاڭ تاۋار قوغۇنى رايونى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %80ىنى ئىگىلىگەن ئىدى. نۇرغۇن قوغۇنچى ئۇ يېتىشتۈرگەن يېڭى سورتنى تېرىپ، تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزدى.

  «ۋۇ مىڭجۇ قومۇل قوغۇنىنىڭ سورتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قومۇل قوغۇنىنى ئىلمىيلەشكەن، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق باسقۇچىغا كىرگۈزدى ھەم دۇنياغا يۈزلەندۈردى. دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپداشلارنىڭ مۇنداق ئورتاق تونۇشى بار: ۋۇ مىڭجۇ بولمىغان بولسا شىنجاڭ قومۇل قوغۇنىنىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى» دېدى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قومۇل قوغۇنى تەتقىقات مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ جيوڭشىن مۇخبىرغا.

  «بۇ بىزنىڭ ئورتاق ئىشىمىز»

  1999- يىلى، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ۋۇ مىڭجۇ جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلاندى. بۈگۈنگە قەدەر، ئۇ يەنىلا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئايال ئاكادېمىك. مۇخبىرغا قاراپ تۇرۇپ، ۋۇ مىڭجۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ نەتىجەم ئېرىم ياڭ چىيوۋنىڭ ئۈن - تىنسىز قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.»

  ئىككىيلەن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ نەزەرىدە مۇكەممەل ئاشىق - مەشۇقلاردىن ئىدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن يەنە بېيجىڭدا جەم بولدى. ئەينى چاغدا، ۋۇ مىڭجۇ مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلاتتى، ياڭ چىيوۋ بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنىدى.

  1955- يىلى، ۋۇ مىڭجۇنىڭ شىنجاڭغا بېرىش قارارى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئۆزىگە خاس مىجەزلىك ۋۇ مىڭجۇ بۇنىڭ بىلەن بەل قويۇۋەتمىدى. يولغا چىقىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئۇ ئاندىن بۇ ئىشنى ئوغۇل دوستىغا ئېيتتى، ياڭ چىيوۋ ھەقىقەتەن ئۇنى ھەممىدىن بەك چۈشىنەتتى، ئۇ قارشى تۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «سىز ئالدى بىلەن بېرىۋېرىڭ، مەن مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن سىزنى ئىزدەپ بارىمەن» دېدى.

  1956- يىلى، ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن ياڭ چىيوۋ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇنى مەكتەپتە ئېلىپ قېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، بېيجىڭدىكى ھەممىدىن كەسكىنلىك بىلەن ۋاز كېچىپ، سۆيگەن قىزىغا تارتىشىپ شىنجاڭغا كەلدى. ئەڭ دەسلەپ، ئۇ شىنجاڭ داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1958- يىلى چاغاندا، ئىككىيلەن پىچان ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئۆي ئارىيەت ئېلىپ، ئازراق قەنت - گېزەك سېتىۋېلىپ، يۇرتداشلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ بەخت تىلەش سادالىرى ئىچىدە ئاددىي، قىزغىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. توي قىلىپ ئۈچىنچى كۈنى، ئىككىيلەن تۇيۇققا تۇتىشىدىغان يول بويىدا بىر - بىرىگە قىيمىغان ھالدا ئايرىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىغا قايتتى.

  تويدىن كېيىن، ئىككىيلەن بارلىق زېھنىنى كەسىپكە قاراتتى، بىللە تۇرغان ۋاقتىدىن ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتى كۆپ بولدى. ۋۇ مىڭجۇنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، بىر - ئىككى ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشۈشمۇ ناھايىتى تەس ئىش بولۇپ قالدى. خوتۇنىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن، ياڭ چىيوۋ ئۆزى تولىمۇ ياقتۇرىدىغان داشۆدىن ۋاز كېچىپ، پىچان ناھىيەسىدىكى بىر دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتىدا خىزمەت قىلىشقا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاخىر خوتۇنى بىلەن جەم بولدى.

  ئەينى چاغدا، ياڭ چىيوۋ پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتلىرىدىكى ئوقۇش تارىخى ئەڭ يۇقىرى كىشى ئىدى. ئۇ ئىنگلىزچە بىلەن رۇسچىنى پىششىق بىلەتتى، چەت ئەلنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرىنى كۆپ ئوقۇيتتى، خوتۇنىنىڭ كەسپىگە ياردىمى تېگىدىغانلا بولسا، ئۇ تەرجىمە قىلىپ بېرەتتى. خوتۇنى تەتقىقاتتا قىيىن مەسىلىگە يولۇقسا، بىلىملىك ھەم قابىلىيەتلىك ياڭ چىيوۋ خوتۇنىغا چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ بېرەتتى. بەزى چاغلاردا، ۋۇ مىڭجۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، ئېرىگە تېلېفون بېرىپ ئېتىزدا قوغۇنلارنى چاڭلاشتۇرۇشقا بۇيرۇيتتى. چۆللۈكتە 30، 40 كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كەلسىمۇ، ياڭ چىيوۋ خۇشاللىق بىلەن يۈرۈپ كېتەتتى.

  ئېرىنىڭ ئۈن - تىنسىز قوللىشى بىلەن، ۋۇ مىڭجۇ كەسىپتە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. ئەمما جاپالىق كۈنلەر ئاز - ئازدىن ياڭ چىيوۋنىڭ تېنىنى خوراتتى. 1981- يىلى، ياڭ چىيوۋ ئېغىر ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، نائىلاج خوتۇنىدىن ئايرىلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە يۆتكەلدى، بىراق كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانمىدى. ئېرى ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى، ۋۇ مىڭجۇ ھاياتىدىكى بىردىنبىر ئۇزاق مەزگىللىك دەم ئېلىشىنى ئېلىپ، ئېرىگە ھەمراھ بولدى.

  ئېرى ۋاپات بولۇش ئالدىدا، ۋۇ مىڭجۇ ئاخىر ئىزچىل كۆڭلىگە يوشۇرۇپ كەلگەن سۆزىنى ئېيتىپ: «لاۋ ياڭ، سىز مېنى دەپ شىنجاڭغا كېلىپ، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرالمىدىڭىز، پۇشايمان قىلمىدىڭىزمۇ؟» دېدى. ياڭ چىيوۋ خاتىرجەم ھالدا كۈلۈمسىرەپ: «بۇ بىزنىڭ ئورتاق ئىشىمىز، ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن» دېدى.

  ئەمدىلا 57 ياشقا كىرگەن ياڭ چىيوۋ بۇ دۇنيادىن مۇشۇنداقلا ئايرىلدى. ئېرى ۋاپات بولۇپ بەش كۈندىن كېيىن، ۋۇ مىڭجۇ نەنجىڭدىن ئايرىلىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ خەينەندە تەسىس قىلغان سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىغا قايتىپ كەلدى. ھەتتا ئاكىسىمۇ ئۇنى ئادەمگەرچىلىكى يوق دەپ قارىدى. ۋۇ مىڭجۇ: «پەقەت خىزمەتلا مېنىڭ ئازابىمنى يېنىكلىتەلەيدۇ. مېنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىم، ئۇنى ئەڭ ياخشى ئەسلەشتۇر» دېدى.

  «ئىنتىلىش بولغاندىلا ئاندىن خۇشال ياشىغىلى بولىدۇ»

  «قوغۇن مېنىڭ ھاياتىم» ۋۇ مىڭجۇ تالاي قېتىم مۇشۇنداق دېگەن. كۆڭۈل قويۇپ قوغۇن تېرىش ئۈچۈن، 1984- يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ قەتئىي ھالدا تۇرپان مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.

  جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋۇ مىڭجۇغا «ئاكادېمىك بىناسى»سېلىپ بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ چىرايلىقچە قەتئىي رەت قىلىپ: «مەن بىر يىلنىڭ كۆپ ۋاقتىدا سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىدا تۇرىمەن، ئۇنچە چوڭ ئۆينى نېمە قىلىمەن» دېدى.

  2002- يىلى، ۋۇ مىڭجۇ ئاپتونوم رايوننىڭ داغدۇغىلىق تەقدىرلىشىگە ئېرىشىپ، 500 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇ نەق مەيداندا، 400 مىڭ يۈەننى تېما تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ سۈپەتلىك قومۇل قوغۇنى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  70 ياشتىن ئاشقاندا، ۋۇ مىڭجۇ يەنە ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشتى. ئۇ ياز، كۈز پەسلىدە شىنجاڭدا تۇرۇپ، قىش پەسلىدە خەينەنگە بېرىپ، ھەر كۈنى قوغۇنلۇقتا تەجرىبە ئىشلەيتتى. باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى مەنىسىز، جاپالىق سورت يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ئۇنىڭ نەزەرىدە ناھايىتى بەك ھۇزۇرلۇق ئىش ئىدى. «ئىنتىلىش بولغاندىلا ئاندىن خۇشال ياشىغىلى بولىدۇ» دەيتتى ۋۇ مىڭجۇ.

  2009- يىلى، ۋۇ مىڭجۇ دۆلەت تاۋۇز - قوغۇن كەسپىي تېخنىكا سىستېمىسىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور سۇپا قۇرۇلۇشىنىڭ باش ئالىملىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. كېيىن سالامەتلىك سەۋەبىدىن، خاس قوغۇن سورتىنى يېتىشتۈرۈش ئورنىنىڭ ئالىملىق ۋەزىپىسىنىلا ئۈستىگە ئالدى. «ھازىر، ئاكادېمىك ۋۇ مىڭجۇ ئاساسلىقى بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پەن تەتقىقات ئېڭى ئىزچىل ئالدىدا ماڭماقتا.» يى خۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن 1984- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سورت يېتىشتۈرگەنىدىم، ئۇنىڭغا 30 نەچچە يىل ئەگەشتىم، ئۇنىڭ جىسمىدىن پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ نام - شۆھرەتكە بېرىلمەي، ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى كۆردۈم. ھەر يىلى بىز ئۇنى كېلىپ دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز، بۇ خىل روھنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز».

  2017- يىلى، 87 ياشقا كىرگەن ۋۇ مىڭجۇ پېنسىيەگە چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ چۇڭچىڭدا ئوغلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئويلايدىغىنى يەنىلا قوغۇن. «بىز ھەر يىلى ئۇنى يوقلاپ بارىمىز، تۇرپاننىڭ، قوغۇننىڭ گېپى چىقسىلا، ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ زامان چاقناپ كېتىدۇ» دېدى فېڭ جيۇڭشىن كۆزلىرى قىزارغان ھالدا.

  2018- يىلى 4- ئايدا، «ۋۇ مىڭجۇنىڭ تەرجىمىھالى» نەشردىن چىقتى. غەربىي جەنۇب داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا، ياش ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا، ۋۇ مىڭجۇ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بار، ئۇلار ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىدۇ. كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ خىل روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايىسىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىسەڭلار، جەزمەن مۆجىزە يارىتالايسىلەر».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ