تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمەلىي ھەمكارلىققا يېڭىدىن دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  بىر يىلدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل باھار، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى پەيتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچ دۆلەت بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۈمىد ئۇرۇقىنى ئورتاق چېچىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى ئورتاق يارىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا يېڭىدىن دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەم جۇڭگونىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ، جۇڭگو - ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ھەم جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەمىمىيىتىنى تارقىتىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق روھى بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، زىيارەتكە بارغان دۆلەتلەرگە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت، چىن دوستلۇقنى ئېلىپ بېرىپ، زىيارەتكە بارغان دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىزلىرى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان بېرىش - كېلىشىنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشنى كۈنسېرى ئورتاق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش گۈزەل ئارزۇسىنى بارغانسېرى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەم جۇڭگو - ياۋروپا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا دەۋر مەسىلىلىرى ۋە خىرىسلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتىكى ئەمەلىي تىرىشچانلىق. ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا، يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر يېپيېڭى مەسىلە ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغان پۇرسەت ۋە مۇھىتمۇ ئۈزلۈكسىز قايتا يارىتىلدى. ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ. پەقەت ھەرقايسى دۆلەتلەر تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ھەمكارلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن ئورتاق تەرەققىيات، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۆزىتىش نۇقتىسى قىلغاندا، بىر قاتار يارقىن سانلىق مەلۇماتلار ھەمكارلىقنىڭ سالمىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى، زور بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشى ھەمكارلىقنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىتالىيە، فىرانسىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىدار ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ، موناكو شاھزادىسى ئالبېرت II بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

  جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەش، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو - ئىتالىيە، جۇڭگو - موناكو، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەنپەئەت جەھەتتە سىغدۇرۇشچان بولىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش. بۇ مۇقەررەر ھالدا جۇڭگونىڭ ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۇپرىقىنى تېخىمۇ مۇنبەتلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش داغدام يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق ئاچىدۇ.

  ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش جۇڭگونىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەمكارلىق ئىدىيەسى. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپ قىلىنغان، يىپەك يولى روھى يېتەكچى قىلىنغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دەل مۇشۇ ئىدىيەنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  يالغۇز قىلغان ئىش تېز روياپقا چىقىدۇ، ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، ئاۋام قىلغان ئىش پۇختا بولىدۇ، ئۇزاققىچە راۋاجلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان ئىككى چوڭ كۈچ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىككى چوڭ بازار، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك. پۈتۈن يەر شارىۋى نەزەر دائىرىدىن چىقىش قىلىپ، تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتلىنىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  باھار ئۈمىد ئۇرۇقى چاچىدىغان پەسىل. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇقەررەر ھالدا جۇڭگونىڭ ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيە ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ