3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى رەن فوتوسى
شىنخۇا تورى، تيەنجىن، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى (لى رەن) 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى باتېر ۋە كوچا توپ تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرغۇچى ۋۇ يۇۋ تيەنجىن سانائەت داشۆسى تەنتەربىيە مەيدانىدا «رۇڭچۇاڭ شىمالىي جۇڭگو رايونى 2019-يىللىق ئۆي ئىگىلىرى ۋاسكېتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، باتېر ۋە ۋۇ يۇۋ ئۆزلىرىنىڭ ۋاسكېتبول ھېكايىسىنى سۆزلەش ئارقىلىق، كىچىك ۋاسكېتبولچىلارنىڭ مەشىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ۋاسكېتبول ھەرىكىتىگە پائال قاتنىششقا چاقىرىق قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن ئىككى ھەپتە بولۇپ، رۇڭچۇاڭ مەھەللىسىدىكى ئۆي ئىگىلىرى كوماندا بولۇپ تەشكىللىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، بۇنىڭدا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ۋاسكېتبول ھەرىكىتى ئارقىلىق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
3-ئاينىڭ 23-كۈنى، باتېر كىچىك ۋاسكېتبولچىلارنىڭ مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.