تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شەرق - غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك يېڭى پاراڭ

ــــ ئىتالىيەنىڭ جۇڭگونىڭ 796 پارچە - يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەنئەت بۇيۇمىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 3- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، سۈن خاۋ، لى جيې) سىلىق ۋە سىدام ياسالغان ماجياياۋ مەدەنىيىتىگە تەۋە قىزىل ساپال قاچا، يول - سىزىقچىلىرى روشەن بولغان خەن دەۋرىدىكى پىلە غوزىكى شەكىللىك چەينەك، شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى مۇكەممەل بولغان تاڭ دەۋرىدىكى تىك تۇرغان ياساۋۇل ھەيكىلى، ئۆزگىچە نەپىس ياسالغان سۇڭ دەۋرىدىكى قارا فارفۇر ساپال، نەپىس ئويۇلغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىن مىنگو دەۋرىگىچە بولغان سۆسۈن قۇم چەينەك... ئۇزاقتىن بۇيان چەت ئەللەردە ئېقىپ يۈرگەن جۇڭگونىڭ 796 پارچە - يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقى پات ئارىدا «ئۆيگە قايتىش» سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.

  3- ئاينىڭ 23- كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتېنىڭ ئورتاق گۇۋاھلىقىدا، جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگونىڭ ئېقىپ كەتكەن 796 پارچە - يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقى سەنئەت بۇيۇمىنى قايتۇرۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇردى. بۇ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى بولۇپ، جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى، تېخىمۇ مۇھىمى، خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ئېقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش، قايتۇرۇپ بېرىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2007- يىلى، ئىتالىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قانۇن ساقچىلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بازىرىدا بىر تۈركۈم قانۇنسىز ئېقىپ يۈرگەن، دەپ گۇمان قىلىنغان جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەنئەت بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈپ، دەرھال دۆلەت ئىچىدە ئەدلىيە جەھەتتىن سوت قىلىش تەرتىپىنى باشلىغان. جۇڭگو دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئىتالىيە مەدەنىيەت مىراسلىرى مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئېقىپ يۈرگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش، قايتۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ئون يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق مۇددەت سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، 2019- يىلىنىڭ يىل بېشىدا، ئىتالىيە سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگو تەرەپكە 796 پارچە - يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەنئەت بۇيۇمىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھۆكۈمى چىقارغان.

  دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مۇزېي مەھكىمىسى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋۇ مىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ دەرھال ئىتالىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قانۇن ساقچىلىرى بىلەن كونكرېت ئۇدۇللىشىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى باشلايدۇ. بۇ قېتىم «ئۆيگە قايتقان» 796 پارچە - يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى 5000 يىلغا يېتىدۇ، ئالدى يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرى، كەينى مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسى، مىنگو مەزگىلىگىچە بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىل، ساقلىنىش ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى، ئومۇمىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، بۇ، جۇڭگو تارىخىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەنزىرىسى، مەنىۋى تۇرمۇش قىياپىتى، مەدەنىيلىك تەرەققىيات جەريانىنىڭ ماددىي ئىسپاتى.

  «بۈگۈن كاتتا بايرام، 796 پارچە - يۈرۈش جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقى جۇڭگو خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. بىز جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىنىڭ بېيجىڭدا مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئىتالىيە مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاربېتو بونىسولى.

  بۇ قېتىمقى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشتىن سىرت، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى تەرەپ يەنە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئائىت كۆپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى، بۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈزۈش - چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى جايلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، شۇنداقلا مەدەنىيەت يادىكارلىقى چوڭ دۆلىتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىكى دۇنيا مىراسلىرى جايى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىش، ئاسراش ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتىگە زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقنى ساقلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خەلقئارا ھەمكارلىقىدا ئالماشتۇرۇش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  «جۇڭگو - ئىتالىيە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، گۈزەل سەنئەت، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، كىنو، تىياتىر، بالېت... <مەدەنىيەت يىپەك يولى> ئارقىلىق، بىز قارشى تەرەپكە ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ قالتىس تەرىپىنى نامايان قىلىمىز» دېدى بونىسولى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە ئېقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ مۇرەككەپ ئەھۋالىغا قارىتا، جۇڭگودىكى ئالاقىدار تارماقلار ئىككى تەرەپ قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقى، دىپلوماتىيە سۆھبىتى، ھەدىيە قىلىش، قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. يۈەنمىڭيۈەندىكى چاشقان بېشى ھەيكىلى، توشقان بېشى ھەيكىلى فىرانسىيەنىڭ پىنو جەمەتى تەرىپىدىن جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىلدى، ياقا يۇرتلارغا ئېقىپ كەتكەن بىرونزا «خۇيىڭ» (مىس قېتىشمىسىدىن ياسالغان يولۋاس قويۇلغان چەينەك) نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىقلاردىن كېيىن ئاخىر ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلدى، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئېقىپ كەتكەن 361 پارچە - يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قايتۇرۇپ بەردى... مىللەتنىڭ ئەسلىمىسى خاتىرىلەنگەن ھەربىر قىممەتلىك مىراسلار كەينى - كەينىدىن ماكانىغا قايتتى.

  ھەربىر خىل مەدەنىيەت بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداش زۆرۈر. مەدەنىيەت يىلتىزىنى ساقلاپ، مىللەت روھىنى قوغداش كېرەك. بۇ تۈركۈم 796 پارچە - يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ رەڭدار تارىخىي ئەسلىمىسىنى ئويغاتتى، تېخىمۇ مۇھىمى، شەرق - غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك يېڭى پاراڭغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ