تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتاي كەسپىي زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ تومۇرىنى تۇتقۇزدى

قىشلىق ساياھەت نەتىجىلىرى كۆزنى چاقناتتى، تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلماي، ئۆزىنى تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

ئالتاي كەسپىي زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ تومۇرىنى تۇتقۇزدى

  مۇخبىرلىرىمىز رېن جياڭ، جاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2018-، 2019- يىللىق قار پەسلىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدە زور دەرىجىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھالبۇكى، ئالتاي خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى ئاچماستىن، بەلكى 3- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن 100گە يېقىن مۇتەخەسسىس ۋە ساياھەت كەسپىدىكى زاتنى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشكە مەخسۇس تەكلىپ قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي قىشلىق ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، بېيجىڭ 2- چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات تەتقىقات يۇرتى باھالاپ چىققان «2018- يىللىق ھۆكۈمەت ئەڭ كۈچ بەرگەن ساياھەت مەنزىلگاھ شەھەرلەر رەت تەرتىپى»دە مەملىكەت بويىچە 3- ئورۇندا تۇردى ھەم جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى باھالاپ چىققان «2018- يىللىق ئون ئېسىل قار - مۇز ساياھىتى شەھىرى» قاتارىغا كىردى. 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، ئالتاي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 2 مىليون 782 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.7 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشقان ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 2 مىليارد 740 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %85.3 ئاشتى.

  بۇ، كۆزنى خېلىلا چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزى تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يەنە ئۆزىنى تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى؟ «گەرچە بەلگىلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بىز جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ساياھەت مەنزىلگاھى، دۇنيا دەرىجىلىك قار - مۇز تەنھەرىكىتى مەنزىلگاھى قۇرۇش نىشانىغا سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا ناھايىتى زور پەرق بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. ئۆزىنى تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىش مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تومۇر تۇتۇش، يۆنىلىش بەلگىلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئالتاينىڭ قىشلىق ساياھىتىدە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋاڭ جۈنئەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئالتاي ۋىلايىتى قىشلىق ساياھەتتە ساقلانغان يەتتە جەھەتتىكى نەچچە ئون تۈرلۈك مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، رەتلەپ چىققان. ھالبۇكى، ئالتاي بۇنىڭدىن قانائەتلىنىپ قالمىدى، شۇنىڭ بىلەن، «باشقىلارنىڭ ئەقلىدىن پايدىلىنىپ» ئالتاينىڭ قىشلىق ساياھىتىدىكى «مەسىلىنى تېپىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئويىغا كەلدى.

  بىر يېرىم كۈنلۈك يىغىندا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قار تېيىلىش مۇتەخەسسىسلىرى، قار - مۇز تەنھەرىكەتچىلىرى، ساياھەت كەسپىدىكى زاتلاردىن 100گە يېقىن كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەھلىل قىلىپ، دىققەت ئالتاي ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەركەزلەشكەن «ئەقىل بورىنى»نى چىقىرىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، ئۇل ئەسلىھە، مۇلازىمەت قاتارلىق 13 جەھەتكە چېتىلىدىغان جەمئىي 284 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ «تەتقىقات - مۇھاكىمە يىغىنى» دېگەن خەت ئۇقۇشماي «ئۆزىنى تەكشۈرۈش يىغىنى» دەپ يېزىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ قالغان، خىزمەتچى خادىملار بۇ قېتىم ئۇنى پىكىر بېرىشكە مەخسۇس تەكلىپ قىلغانلىقىنى، يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەندە، «بۇنى ئاڭلاپ بۇ يىغىنغا قىزىقىپ قالدىم» دېدى ۋۇ فېڭ. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، تۆت جەھەتتىكى مەسىلىنى تىزىپ چىقىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئالدىدا 20 مىنۇتتىن ئارتۇق سۆزلىدى. «مەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر بىر قەدەر ئۆتكۈر بولۇپ، گەپنى ئۇدۇللا ئېيتتىم. گېپىمنى دەپ بولۇپ، كۆڭلۈمدە سەل دەككە - دۈككىدە بولدۇم».

  «پىكىر بېرىشنىڭ ئۆزى ئالتاينىڭ ساياھىتىنى ئەڭ ياخشى ئاسرىغانلىق، ئۇنىڭغا ئەڭ زور ياردەم بەرگەنلىك.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: بىز دەرھال پىكىر - تەكلىپلەرنى رەتلەپ يىغىپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى تۈزۈپ، «ھەربىر تەكلىپكە جاۋاب قايتۇرۇش، ھەربىر تەكلىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سۇپا قۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئالتاينىڭ ساياھىتى ئۈچۈن پىكىر - تەكلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز ھەم مېخانىزم شەكىللەندۈرىمىز.

  «بۈگۈن پىكىر بېرىش خاتالىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن، ئەتە ئەگرى يولنى ئاز مېڭىش ئۈچۈندۇر. بۇ پىكىر - تەكلىپلەر ئالتاينىڭ قىشلىق ساياھىتىگىلا قارىتىلىپ قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈندۇر» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ما رۈي.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ