تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر روزى دارقان) شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى كۈپ يېزىسى جەتى ئوبا كەنتىدىكى شۈ ئاچىنىڭ نامى يىراق-يېقىنغا داڭلىق، ئۇنىڭ ئىسمى شۈ شيۇليەن. ئۇنى بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇ كەنتتە دۇكان ئېچىپلا قالماي، ئادەتتە تېخى كەنتتىكىلەر ئۈچۈن تاۋارلارنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدۇ، ئۇ كەنتتىكىلەرنىڭ نەزەرىدىكى «ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلالايدىغان ئىقتىدارلىق ئادەم».
2018-يىلى 6-ئايدا، تولى ناھىيە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى كەنتتە بىر دۇكاننى تاللاپ ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى قىلىدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۈ شيۇليەن زور قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە بۇ كەسىپنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. مۇلازىمەت نۇقتىسى رەسمىي تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توردا ۋاكالىتەن سېتىش، تېز يوللانمىلارنى سېلىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇلازىمىتىگە ياردەملەشتى.
ئىگىلىنىشىچە، تولى ناھىيە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى نۆۋەتتە 47 مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇشنى تاماملىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە يېزا-بازار دەرىجىلىك مۇلازىمەت پونكىتى، 40 كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت نۇقتىسى بار بولۇپ، نامرات كەنتلەرنىڭ مۇلازىمەت پونكىتى، نۇقتىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %68 بولغان.