ئامېرىكا كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا «تەبىئەت. نۇر ئىلمى» ژۇرنىلىنىڭ تور نۇسخىسىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدە، ئۇلارنىڭ جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئالاھىدە نانومېتىر قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق، نۇر ئارقىلىق جىسىملارنى لەيلىتىدىغان ھەمدە ئۇلارنى يۆتكەيدىغان يېڭى ئۇسۇلنى لايىھەلەپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. تەتقىقاتچىلار، بۇ نەزەرىيە ئۇسۇلىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنلىرى بار، ھەتتا يورۇقلۇق ئېنرگىيەسى ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئالەم ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دېدى.
بۇ ئۇسۇلنىڭ مۇھىم ھالقىسى جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئالاھىدە نانومېتىر قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش. بۇ خىل قۇرۇلما يورۇقلۇق بىلەن ئۆئارا تەسىرلىشىپ، جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىنى بويلىغان يورۇقلۇق تارقىلىشىنىڭ ئانئىزوتروپىيەسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، مىللىمېتىر دەرىجىلىك، سانتىمېتىر دەرىجىلىك، ھەتتا مېتىر دەرىجىلىك ھەجىمدىكى جىسىملارنىڭ ئۆز تۇراقلىق ئوپتىكىلىق كونترول قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا ئۆز ئالدىغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى نۇر دەستىسى بېسىپ ئۆتىدىغان يولدا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تولغىنىش مومېنتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.
ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ قوللىنىشچان فىزىكا ۋە ماتېرىيال ئىلمى شىسىدىكى خاررى ئاتۋاتېر مۇنداق دېدى: بۇ خىل تېخنىكىنى ھەتتا كەلگۈسىدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان ئالەم ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئالەم ئۈسكۈنىسىگە يېقىلغۇ قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق، نانومېتىر دەرىجىلىك قۇرۇلمىلاردىن قۇرۇلغان لازېر نۇرىدىن پايدىلىنىپ نۇر يەلكىنىنى ئىلگىرىلەتكىلى بولىدۇ، لازېر نۇرىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنىتېزلىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سۈرئىتىنى ھەتتا نۇر سۈرئىتىگە يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.