باش مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى: يەنە بىر ھاۋا ئىنتايىن ياخشى بولغان گۈزەل كۈننى كۈتۈۋالدۇق. بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃8، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
پۈتۈن شىنجاڭ مىقىياسىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى داۋاملىشىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىدە 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى شامال ئۆتەڭ ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي شامال رايونىدا يەتتە بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.
بۈگۈنكى 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى (يەتتە بال ئۆتكۈنچى بوران)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يۆل بۆلەكلىرى تۆۋەندىكىچە: دۆلەت يولى G3015-لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تۆمۈر تامغىچە بولغان بۆلىكى، ئۆلكە يولى S201-لىنىيەسى مايتاس شامال رايونى، ئۆلكە يولى S221-لىنىيەسى تولى شامال ئۆتىڭى، ئۆلكە يولى S319-لىنىيەسى بىلەن S229-لىنىيەسىنىڭ ئالتاي نوقاي شامال رايونى بۆلىكى.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 27-نۆۋەتلىك «دۇنيا سۇ كۈنى»، 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە 32-نۆۋەتلىك «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى».
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2019-يىللىق «دۇنيا سۇ كۈنى»نىڭ تەشۋىقات باش تېمىسىنى «ھەرقانداق كىشىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق» دەپ بېكىتتى. ئېلىمىزدە خاتىرلىنىدىغان 2019-يىللىق «دۇنيا سۇ كۈنى» بىلەن «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ تەشۋىقات باش تېمىسى «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سۇ بايلىقى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» قىلىپ بېكىتىلدى.