ئەنگلىيە برىستول داشۆسى باشلامچىلىق بىلەن ئېلىپ بارغان چوڭ كۆلەملىك بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىمارلار يانپاش بوغۇمى ياكى تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغاندىن كېيىن، سۈنئىي بوغۇمنىڭ كۆپىنچىسىنى 25 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ئىشلىتەلەيدىكەن.
تەتقىقاتچىلار كۆپ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغان، تەتقىقات ئوبيېكتلىرى ئاۋسترالىيە، دانىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايونلاردىكى يانپاش بوغۇمى ياكى تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغىنىغا 15 يىلدىن ئاشقان 200 مىڭدىن ئارتۇق بىمارغا چېتىلىدىكەن. پۈتۈن يانپاش بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بىمارلار ئارىسىدا، سۈنئىي بوغۇمنى ئىشلەتكىنىگە 15 يىلدىن ئاشقانلار %89نى، 20 يىلدىن ئاشقانلار %70نى، 25 يىلدىن ئاشقانلار %58نى ئىگىلىگەن؛ تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بىمارلار ئارىسىدا، %93 ئادەمنىڭ سۈنئىي بوغۇمنى ئىشلەتكەن ۋاقتى 15 يىلدىن ئاشقان، %90 ئادەمنىڭ (ئىشلەتكەن ۋاقتى) 20 يىلدىن ئاشقان، %82 ئادەم ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 25 يىل ئىشلەتكەن.
تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا نەشىر قىلىنغان «ئوپېراتسىيە پىچىقى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى جوناسان ئېۋانس مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشى دوختۇردىن سۈنئىي يانپاش بوغۇمى ياكى تىز بوغۇمىنى قانچىلىك ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، بىزدە ئىزچىل ھالدا ئورتاق بىر جاۋاب يوق، ئىلگىرىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئەۋرىشكە دائىرىسى بەكلا تار.» ئېۋانس مۇنداق دېدى: داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، «سۈنئىي يانپاش بوغۇمى ياكى تىز بوغۇمىنى تېخىمۇ ئۇزاق ئىشلىتىشتىن ئۈمىد كۈتسەك بولىدۇ.»