تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى 1-نۆۋەتلىك تەكلىپلىك رېۋىزور تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاچتى

تەكلىپلىك رېۋىزورلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى خۇاڭ ۋېنفاڭ، جىن ۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى 1- نۆۋەتلىك تەكلىپلىك رېۋىزور تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىپ، تەكلىپلىك رېۋىزوردىن 20نى تەكلىپ قىلدى ھەم تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى. تەكلىپلىك رېۋىزورلار دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق بېكىتكەن توغرا يولنى بويلاپ ئالغا بېسىشىنى نازارەت قىلىشى، ياردەم بېرىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكلىپلىك رېۋىزورلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۆزلەپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇن - نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلغان - قىلمىغانلىقى، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزگەن - يۈرگۈزمىگەنلىكى، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن - يۈرگۈزمىگەنلىكى، ھوقۇقنى پاك يۈرگۈزگەن - يۈرگۈزمىگەنلىكى، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزگەن - يۈرگۈزمىگەنلىكى ھەمدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان - قويمىغانلىقى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئەمەل قىلغان - قىلمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نازارەت قىلىشى كېرەك؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر سىياسەت، نىزاملارنى تۈزۈشنى چۆرىدەپ پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىشى كېرەك؛ نۆۋەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نۇقتىلىق خىزمىتىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى، ئاممىنىڭ تەشنا بولىدىغىنى، ئويلايدىغىنى، ئۈمىد قىلىدىغىنىنى ئېلىپ چىقىشى كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈپ، سىياسەتلەرنى ياخشى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئاممىۋى پىكىرنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. تەكلىپلىك رېۋىزورلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، كۆڭلىگە مەسئۇلىيەتنى پۈكۈشنى، سىياسەتنى پىششىق بىلىشنى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى پائالىيەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەكلىپلىك رېۋىزورلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ