تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش نامرات رايونلارنى «قان ياساش رېتسېپى»غا ئىگە قىلدى

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۈي، چېن چياڭۋېي، خې لىڭ

  بىر كەسىپ گۈللەنسە، بىر جايدىكى پۇقرالار بېيىيدۇ، نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش چارىسى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى مەۋقەنى خاسلىققا قويۇپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ھەرخىل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامرات ئاممىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولى ۋە تېخنىكىسىنى ئىگىلىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ «قان ياساش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  كىچىككىنە جىغان مېۋىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ياخشى ياردەمچىگە ئايلاندى

  3- ئاي كىرىشى بىلەن، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىدىكى ھەسەنتۇر ھۈسەننار ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئورمان قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەركۈنى يېزىدىكى 10 مىڭ مو چۆل ئېكولوگىيەسى جىغان ئۆستۈرۈش بازىسىنى بىر قېتىم چارلاپ چىقىدۇ.

  «ھەر يىلى باھار كۈنلىرىدە، مەن ۋە خوتۇنۇم ئىككىمىز بازىغا كېلىپ جىغان ئۆستۈرىمىز، بۇلتۇر ئەتىيازدا، بىز ئىككىمىز 8000 يۈەن پۇل تاپتۇق. جىغان پىشقاندىن كېيىن، بىز يەنە جىغان ئۈزۈشكە تايىنىپ 6000يۈەندىن 7000يۈەنگىچە پۇل تاپتۇق.» ھەسەنتۇر مۇنداق دېدى: مەن ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئورمان قوغدىغۇچىسى بولغاندىن كېيىن، ھەرئايدا 1200 يۈەندىن ئارتۇق مۇقىم كىرىمىم بار بولدى. مۇشۇ جىغانلىققا تايىنىپلا، بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدۇق.

  نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ھەسەنتۇرنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مانا، ھاۋا ئەمدىلا ئىسسىشىغا، ئۇنىڭ يەنە غەيرىتى ئېشىپ، داۋاملىق جىغان ئۆستۈرۈپ پۇل تېپىشقا تەييارلاندى.

  ئاقچى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شۈ گودۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاقچى ناھىيەسى خېلى بۇرۇنلا جىغان كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى سىناق قىلدى، 2012- يىلى، قۇلانساراق يېزىسى ناھىيەنىڭ جىغان ئۆستۈرۈش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن جىغان ئۆستۈرۈش كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتى. يەتتە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ھازىر پۈتۈن يېزىدىكى جىغان كۆلىمى 26 مىڭ موغا يەتتى.

  جىغان كەسپىنىڭ تەدرىجىي كۆلەملىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى ئادەتتىكى كىچىك ياۋا مېۋە نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مېۋىگە ئايلاندى. بۇلتۇر، ئاقچى ناھىيەسى جىغاندىن ئىبارەت بىر تۈرگە تايىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى 4 مىليون يۈەنگە يېقىن ئاشۇردى.

  «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» كەنتتە ئېچىلىپ، پۇل تېپىش، ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمىدى

  خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى قاتچى كەنتىدە، كۆپلىگەن نامرات ئاھالە كەنتتىكى «نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپىمىز، بالىلىرىمىزغا قارايمىز، <نامراتلارنى يۆلەش سېخى>دا خىزمەت قىلىپ، قوش ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.» قاتچى كەنتىدىكى سولياۋ پولات قۇرۇلمىلىق دېرىزە پىششىقلاش سېخىدا خىزمەت قىلىدىغان رازىيە مەمەتنىياز مۇنداق دېدى: كەنت كومىتېتى يەسلى قۇرۇپ، ئائىلىسىدە بالىسى بار نامرات ئاھالىلەرنى «نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دا خاتىرجەم خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  قاتچى كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى مياۋ فېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، قاتچى كەنتىدە ئارقا - ئارقىدىن سولياۋ پولات قۇرۇلمىلىق دېرىزە پىششىقلاش، رەڭلىك سېمونت خىش پىششىقلاش، تۆمۈرچىلىك ھۈنەر سەنئىتى بويىچە پىششىقلاش، ياغاچچىلىق ھۈنەر سەنئىتى ئۆي سايمانلىرى قاتارلىق تۆت «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇرۇلدى، يەنە بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇلۇپ، كەنتتىكى 80گە يېقىن نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  كەنتتىكى «نامراتلارنى يۆلەش سېخى»نىڭ كۆلىمى كىچىك، مەشغۇلاتى جانلىق، نامرات ئاھالىلەر پۇل تېپىش، ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر، سولياۋ پولات قۇرۇلمىلىق دېرىزە پىششىقلاش سېخى كەنتتىكى يەتتە نامرات ئاھالىنى قوبۇل قىلدى، ئۇلار ئايدا 2500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە مائاش ئالىدۇ.

  43 ياشلىق نامرات ئاھالە گۈلجامال ئەخمەتتوختىنىڭ دېيىشىچە، «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» ئۇنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك ماھارەت ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلسىمۇ ئەسقاتىدىكەن.

  خوتەن ناھىيەلىك پارتكوم ۋاكالىتەن تۇرۇشقا ئەۋەتكەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ياۋ يوۋباۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خوتەن ناھىيەسى «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزىدا كۆلەملەشكەن كارخانا بولۇش، كەنتتە ھەمراھ زاۋۇت بولۇش، ئائىلىدە كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك جازا قۇرۇلمىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى. «بىز ئاياغ تىكىش، قارا مور قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك 112 <نامراتلارنى يۆلەش سېخى>نىڭ كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتنىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرۇشنى كەنتكە ئېلىپ كېلىش شەكلى ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدۇق».

  ئائىلىسىدىكى قوينى شىركەتكە باققۇزۇپ، ئۆزى كارخانىدا ئىشلەپ مائاش ئېلىش

  بۇ يىل، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى يۇقىرىس كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئابدۇسالام مەپىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى. ئۇ ئۆيىدىكى قوينى شۇ يەردىكى كەلپىن شىياڭياڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىشىغا ھاۋالە قىلىپ، ئۆزى كارخانىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىپ، ھەر ئايدا 1000يۈەندىن ئارتۇق مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

  كەلپىن ناھىيەسىدىكى شىياڭياڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جيا جېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، شىركەت نامراتلارنى يۆلەش قويىنى ھاۋالىلىك بېقىش - كۆپەيتىش بازىسىنى قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەر بىلەن باقمىچىلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالاپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قويلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باقتى، ھەر يىلى بازار باھاسىنىڭ %10لىك نىسبىتى بويىچە نامرات ئاھالىلەرگە پايدا بۆلۈپ بەردى. كۆلەملەشكەن باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم نامرات ئەمگەك كۈچىنى قوي بېقىشتىن خالاس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى سۇبېشى كەنتىدىكى دېھقان راخمان ئەمەت ئائىلىسىدىكى سەككىز قوينىڭ ھەممىسىنى ھاۋالىلىك بېقىش - كۆپەيتىش بازىسىغا ئاپىرىپ بېرىپ، خوتۇنى بىلەن ناھىيەدىكى پايپاق زاۋۇتىدا ئىشلەپ پۇل تاپتى، «مائاشتىن سىرت، بىز ھەر يىلى يەنە ھاۋالىلىك بېقىشتىن پايدا ئالالايمىز» دېدى راخمان.

  «ھازىر، شىركەت كەلپىن ناھىيەسىدىكى 533 نامرات ئائىلىنىڭ 5100دىن ئارتۇق قويىنى ھاۋالىلىك بېقىۋاتىدۇ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر نامرات ئائىلىگە 1000يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئايرىپ بېرىدۇ.» جيا جېن مۇنداق دېدى: باقمىچىلىق كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرۇش مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. بۇ يىل شىركەت يېڭىدىن سويۇش، ئىنچىكە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرىدۇ، كەلپىن قوي گۆشىنى كۆپ مەنبەلىك پىششىقلاپ، ئوراپ قاچىلاپ، كەلپىن قوي گۆشى كەسپىنىڭ كەسىپلىشىش، كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى نامرات ئاھالىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ