جۇڭگو تۆمۈريولى 22-ئىدارىسى گۇرۇھى قۇرۇلۇشنى كۆتۈرە ئالغان داتۇڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ خېبېي بۆلىكى. (3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، داتۇڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولغان دالياڭشەن تېغى تونېلى ئېچىلدى، بۇ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇشى بولغان داتۇڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ لىنىيە ئاستىدىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىپ، يىل ئاخىرىدىكى ئېچىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، داتۇڭدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ جاڭجياكوۋغا بېرىشقا 40 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، داتۇڭدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 6 سائەتتىن 100 مىنۇت ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ.