تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

شايار ناھىيەسى: كۆكتات مايسىسى تارقىتىپ كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گۇڭ شىجې ئىختىيارى مۇخبىر دەي چاڭ) «بۇ سىزنىڭ 50 تۈپ پەمىدۇر، 50 تۈپ لازا مايسىڭىز، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال تىكىۋېلىڭ، كۆكتات مايسىسى يېتىشمىسە، يەنە ئەكىلىپ بېرىمىز.» 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى ئىنچىكە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كۆكتات مايسىلىرىنى نامرات ئاھالە ئىسمايىل پولاتنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

  شۇ كۈنى، ئىنچىكە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 4000 يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ 8000دىن ئارتۇق كۆكتات مايسىسى سېتىۋېلىپ، كىچىك ئەگمە پارنىك ياسىغان 52 نامرات ئائىلىگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  ئىنچىكە كەنتىدىكى ئاھالىلەر كۈندە يەيدىغان كۆكتاتنى بازاردىن ياكى كۆكتات دۇكىنىدىن سېتىۋالاتتى، خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاراننى ئىلمىي پىلانلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، ھويلا-ئاراندىكى بىكار تۇرىدىغان يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئارقىلىق، كىچىك ئەگمە پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ «كۆكتات سېۋىتىنى» موللاشتۇردى، كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس كۆكتات مايسىسى ئۆستۈرۈش تېخنىكا ئوقۇتۇش ئوپتىك دېسكىسى سېتىۋېلىپ، تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ كەنتتىكىلەرنى يىغىپ كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

  نامرات ئائىلە ياسىن مەخمۇت نەچچە كۈن بۇرۇن يىقىلىپ كېتىپ پۇتى يارىلانغاچقا، ئېتىزلىققا بېرىپ ئەمگەك قىلالمىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 100 تۈپ كۆكتات مايسىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كۆكتات مايسىسىنى كىچىك ئەگمە پارنىكقا تىكىپ بەردى. «خىزمەت ئەترىتىدىكلەر بىزدەك نامرات ئائىلىلەرگە كۆكتات مايسىسى تارقىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ماڭا ياردەملىشىپ كىچىك ئەگمە پارنىكقا كۆكتات تېرىپ بەردى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت» دېدى ياسىن مەخمۇت خۇشاللىق بىلەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ