ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى چىڭخەي، خۇ گوكەي خەۋىرى: 2019-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھاۋانىڭ تەدرىجى ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئۇقار، قارنا، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق ئەتىۋارلىق پەسىل قۇشى شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىدىكى بەيياڭخې دەرياسى باغچىسىدا كۆڭۈللۈك ئوينىدى ۋە ئوزۇقلۇق ئىزدىدى، بۇ توقسۇن ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇنداق كۆپ پەسىل قۇشىنى تۇنجى قېتىم كۈتۈۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇن ناھىيەسىدىكى بەيياڭخې دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جاي زور تۈركۈم پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش سەپىرىدىكى «ئۆتىڭى»گە ۋە «راھەتبېغى»غا ئايلاندى، يەنە تېخى، بىر قىسىم ياۋايى ھايۋانلار مۇشۇ جايدا ماكانلىشىپ قېلىشنى «تاللىدى». ھەر قېتىم كۆچۈش پەسلى كەلگەندە، توپ-توپ ئاق قۇ، ئۇقار، قارنا، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى بۇ جايدىن ئۆتىدۇ، بەزىلىرى ئەتراپتىكى قومۇشلۇقتا كۆڭۈللۈك ئويناپ، بەزىلىرى بىر جايغا قونۇۋېلىپ، بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ يىراقلارغا نەزەر سېلىپ، يەنە بەزىلىرى كۆكتە قاناتلىرىنى كەڭ كېرىپ لەرزان پەرۋاز قىلىپ، نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغاچ، خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلىدۇ.