شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خې لىڭ): شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2018-يىلى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا قىلغان سودا سوممىسى 15مىليون 236مىڭ يۈەن بولدى، بۇ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، توردا نامراتلارنى يۆلەش يولىغا ئاساس سالغانلىقىنىڭ دەلىلى.
مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سودا ئىشلىرى (سودىگەر چاقىرىش) مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، ئاقچى ناھىيەلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ يېزىلارغا كىرىشى بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىلگەن ناھىيە قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدىن 3ى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەقسىملەش-يەتكۈزۈش مەركىزىدىن 3ى، يېزا دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدىن 30ى، كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدىن 129ى بار ئىكەن.
ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى تېتىر كەنتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. كۈندە سائەت 10 لاردا، بۇ يەر ئىنتايىن قىززىپ كېتىدىغان بولۇپ، توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.
مۇلازىمەت نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى گۈلجەمىلە ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى 2016-يىلى 7-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى يەرلىك ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ توردىن نەرسە -كېرەك سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلىدۇ». سېتىش يولىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ تەدرىجىي ئاشقان. 2018-يىلى ئۇ كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ 700 كىلوگرام ئەينۇلا، 500كىلوگرام ئۈزۈم، 1 توننا ئەنجۈر مۇرابباسى سېتىپ بەرگەن.
ھەر يىلى 5-ئايدىن 11-ئايغىچە، گۈلجەمىلە كەنتتىكى نامرات ئائىلىدىن 8 كىشىنى ئۆزىگە ياردەملىشىپ تاۋارلارنى ئوراپ قاچىلاش، مال ئەۋەتىشكە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ، ئايدا ھەربىر كىشىگە 3000 يۈەن مائاش بەرگەن. بۇلتۇر گۈلجەمىلەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسىنىڭ ساپ پايدىسىلا 40 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق، يەرلىك ئەينۇلا، ئۈزۈم، ئەنجۈر قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار «سرتقا» ماڭدۇرۇلدى، باشقا يەرنىڭ كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرى بولسا «كىرىپ كەلدى». قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سودا ئىشلىرى (سودىگەر چاقىرىش) مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇلىڭ مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ ئوبلاستى غەربىي يۇرت رىۋايەتلىرى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى تايانچ قىلىپ، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى، خېما شيەنشىڭ قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جىڭدۇڭ ئاتۇش سارىيىنى بەرپا قىلدى ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاممىۋى داڭلىق ماركىسى «تيەنمىن گويۈەن»نى قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا جۇغراپىيەلىك بەلگە قويۇلغان ئاتۇشنىڭ مۇناقى ئۈزۈمى بىلەن ئەنجۈرى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتى بازارلىرىغا سېتىلدى.