تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يولغا چىقايلى! مەنزىل: تاشقورغان ناھىيەسىدىكى ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى

  مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمى، جاۋ دېڭۋېن خەۋىرى: تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىلغا ئېلىنسا، سىز ئېگىزلىك، تاشبالىق، قارلىق تاغ، مۇزلۇق ۋە ئېگىزلىك كۆلىنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە، ئېگىزلىكنىڭ ئىچكىرىدە، يەنە خىيالىي دۇنياغا ئوخشاش گۈزەل، راھەت بىر ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى بار، بۇمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن باش كۆتۈررۈۋاتقان ئۆرۈك چېچىكىدىن ھۇزۇرلىنىش لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  3-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساياھەت كوپىراتىپى، ئاپتوموبىل كۇلۇبى، ئېكسپېدىتسىيە كۇلۇبلىرىدىن ئىگىلىشىچە: ھازىر بۇ لىنىيەگە «مېھمان» يىغىۋاتقان بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدىن 4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئۆمەك ئەۋەتىلىدىكەن، ھازىر چېچەك سەيلىسى ئۆمەكلىرىنىڭ يىغىلىش ئورنى كۆپىنچىسى قەشقەردە. بېرىش-كېلىش، ھەم ئايلانما لىنىيە بار بولۇپ، قەشقەر باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ئورنى قىلىنىپ، ۋاقتى 5 كۈندىن 12 كۈنگىچە بېكىتىلگەن. ئەگەر ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقسا، ئاز دېگەندىمۇ يەنە 2 كۈندىن 4 كۈنگىچە ۋاقىت چىقىرىشقا توغرا كېلىدىكەن.

  ئامما ئاز، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ئاساس قىلىنىدۇ

  لېي نياۋ ئېكسپېدىتسىيە كۇلۇبى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لېي نياۋ مۇنداق دېدى:«قەشقەردىن تاشقورغان ناھىيەسىگە 300 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 7 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، تاشقورغان ناھىيەسىدىن داتۇڭ يېزىسىغىچە 180 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇلتۇر 10-ئايدا ئاسفالت يول ياسىلىپ، مېڭىش ئىلگىرىكىدىن ئاسان بولدى، لېكىن يەنىلا تەخمىنەن 4 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا قەشقەردىن يولغا چىقىپ بېرىش-كېلىشكە 3 كۈن كېتىدۇ، بۇنىڭغا ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنى سەيلە قىلىپ سۈرەتكە تارتىشنى قوشقاندا، ئاز دېگەندىمۇ 4 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 6 كۈن ۋاقىت چىقىرىش ئەڭ مۇۋاپىق. ئەگەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساياھەتچىلەر بولسا، يەنە قەشقەرگە بېرىپ-كېلىدىغان ۋاقىتنىمۇ چىقرىشى كېرەك».

  كەسپىي فوتوگراف جاۋ دېڭۋېن ئۇدا 10 يىل تاشقورغان ناھىيەسىدىكى ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىغا سۈرەتكە تارتقىلى باردى، ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنى بويلاپ مېڭىپ سۈرەتكە تارتقاندا، ھەر قېتىم جىلغىدا ئاز دېگەندىمۇ بەش كۈن تۇرىمەن، بىر يىلى مەن ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا 17 كۈن تۇردۇم، ئادەتتە سۈرەتكە تارتىشقا 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە ۋاقىت چىقىرىش ئەڭ مۇۋاپىق، ئۆرۈك چېچىكىنى سۈرەتكە تارتقاندىن سىرت، يەنە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى سۈرەتكە تارتىشقا بولىدۇ، ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن باشقا، ئەگەر ۋاقىت بولسا يەرلىكتىكى ئاھالىلەر بىلەن بىللە نەچچە كۈن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كالا تېزىكى ئوتىدا پىشۇرۇلغان ناننى يەپ، ئۇلارنىڭ كەشتىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن بىللە غەم-قايغۇسىز نەچچە كۈن ياشاشمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئىش».

  بۇ يەرگە كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزاقراق، يول يىراقراق، شۇڭا بۇ لىنىيەدە ھازىر ئادەم بىر قەدەر ئاز، بارىدىغان ساياھەتچىلەر فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.

  دالا ئاپتوموبىلى كۇلۇبى ئۇدا ئۈچ يىل ئۆمەك ئەۋەتتى، بۇ كۇلۇبنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: «ھازىر 20 نەچچە ئادەم تىزىملاتتى، بىرىنچى ئۆمەك توشۇپ بولدى، ئىككىنچى ئۆمەككە ئادەم يىغىلىۋاتىدۇ، ھازىر تىزىملاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر».

  لېي نياۋ مۇنداق دېدى:«ئۈرۈمچى شەھىرىدىن تاشقورغان ناھىيەسىدىكى ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىغىچە 2400 كىلومېتىردەك كېلىدۇ، ئارىلىق يىراقراق، شۇڭا بىز قەشقەردە يىغىلىشنى تاللايمىز. بىزنىڭ لىنىيەرىمىز 6 كۈنلۈك ئايلانما لىنىيە، تاشقورغان-يەكەن قەدىمىي يولىدىن ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىغا بېرىپ، ئاندىن قەشقەرگە قايتىمىز».

  جاڭ جۈن ئوتتۇرىغا قويغان لىنىيە 12 كۈنلۈك بولۇپ، ئوخشاشلا قەشقەر يىغىلىش نۇقتىسى، ئېگىزلىكتە ئۆرۈك چېچىكى تاماشا قىلىشتىن باشقا، يەنە يەكەن، خوتەنلەرگە بېرىپ، شۇ يەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  جاڭ جۈن ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىغا ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ بارغاندىن كۆرە، ئاپتوموبىلنى قەشقەرگە ھاۋالىلىك توشۇشنى تەۋسىيە قىلدى، «بۇنداق بولغاندا بەك ھېرىپ كەتمەيدۇ، ۋاقىتنىمۇ تېجىگىلى بولىدۇ، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بارسا، ئاز دېگەندىمۇ 2 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. ئىلگىرى تاشقورغان ناھىيەسىدىن داتۇڭ يېزىسىغا بارىدىغان يولدا چوقۇم دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەشكە توغرا كېلەتتى، ھازىر ئاسفالت يول بولغاچقا، پىكاپتىمۇ بارغىلى بولىدۇ، لېكىن ئۆرۈك چېچىكىنى سۈرەتكە تارتقاندا جىلغىغا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتماقچى بولغانلارغا، يەنىلا دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەشنى تەۋسىيە قىلىمىز». جاۋ دېڭۋېننىڭ يەرلىكتىكى دوستلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 25-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆرۈك چېچىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ