يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تولى ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ياۋايى ھايۋانلارنى جەلپ قىلدى، بۈركۈتسىمان مۈشۈكياپىلاق شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئىگىلىنىشىچە، بۈركۈتسىمان مۈشۈكياپىلاق كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان يىرتقۇچ قۇش بولۇپ، كۆپىنچە، ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قويۇق ئورمان ئىچىدە ياشايدىكەن، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدىكەن.
(ماقالىنى تارباغاتاي ۋىلايىتى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىن چاڭ دىيەنشۆ، زۇ پېي، پەرىدە تەمىنلىگەن)