تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃4 بولىدۇ

  باش مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى، مۇخبىرىمىز يۈ يىچاڭ فوتوسى: ھەش-پەش دېگۈچە، چارشەنبە يېتىپ كەلدى. بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃4، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5 ـ بولىدۇ. تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، ئۆزىڭىزنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ.

  3-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتە، ئىللىق قۇياش نۇرىدا ئۈرۈمچى شەھىرى شەرق شامىلى يولىدا، شەھەر ئاھالىسى بالىسىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ سەيلە قىلماقتا.

  3-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇمان تارقاپ، قۇياش ئىللىق نۇر چاچتى، كۆك ئاسمان،  ئاق بۇلۇت كىشىگە ئازادىلىق بېغىشلايتتى. كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ھاۋا رايى ياخشى بولىدۇ، قىشلىق كىيىملەرنى يىغىشتۇرۇپ قويساق تامامەن بولىدۇ. 

  پۈتۈن شىنجاڭ مىقىياسىدىن قارىغاندا، بۈگۈن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا بەش بال ئەتراپىدا شەرق شامىلى، يەتتە بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا كۆرۈنەرلىك قۇم - بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق رايونلاردا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.

  3-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 20 دىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 20 گىچە، سېرىق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G314 لىنىيەسى بوزىيادىن قونجىراپقىچە بولغان يول بۆلىكى، G3013 لىنىيەسى جىغىندىن ئۇلۇغچاتقىچە بولغان يول بۆلىكى.

  تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگىنىگە قاراپلا، ئەتىگەن كەچتىكى سوغۇققا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. سوغۇق دۈمبە قىسىمدىكى پەللىلەردىن ئۆتۈپ مۇسكۇللارغا ياكى ئىچكى ئەزاغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەلنىڭ تېلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا يەنە بويۇن ئومۇرتقىسى، بەل ئومۇرتقىسى ئارقىلىق پۇت-قول مۇسكۇلى ۋە بوغۇملىرىغا، ئىچكى ئەزاغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەر خىل بىئاراملىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىر نەچچە كۈندە ئەڭ ياخشىسى ئۆيدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلارغا يۇڭ جىلىتكە كىيگۈزۈپ قويغان ياخشى، بۇنداق بولغاندا ھەم سوغۇق ھاۋاغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ ھەم قولايلىق.

  3-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، كىچىك دوستلار خۇشال ئوينىماقتا.

  3-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، كىچىك دوست خۇشال ئوينىماقتا.

  3-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى قارلارنى تازىلىماقتا.

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ