تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 2018- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى (2015- يىلىدىن 2030- يىلىغىچە)»نى يولغا قويۇش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىشكە ئائىت ھۆججەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»تىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ ۋە تۇپراق بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇ ۋە تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ ۋە تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، ھەرقايسى جايلار سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزەش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، تۈزەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنىڭ دائىم يېشىل، سۇلىرىنىڭ دائىم سۈزۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىك كېسەلنىڭ «ئالدىنى ئېلىش» بىلەن «داۋالاش» خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىگە ئاساسەن، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت روھىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن بەلگىلىمىلەرنى ئېنىقلاپ رەتلەپ چىقىپ ۋە تۈزىتىپ، ئورۇنلارنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز ئورنىنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى ۋە تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى ۋە ئۇنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال يارىتىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمە) سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ