شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار بەي يىڭ، فۇ شۇاڭچى) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: تېررورىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق زەربە بېرىدىغان ئوبيېكت. تېررورچى كۈچلەر زورلۇق ئىشلىتىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، بىگۇناھلارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى. ئەسەبىزم ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشى زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى ئاسانلا پەيدا قىلىپ، كىشىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇققا بىۋاسىتە تەھدىت سالىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزم، ئەسەبىزمگە قارشى تۇرىدۇ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىدىغان، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەيدىغان، پىلانلايدىغان، ئېلىپ بارىدىغان، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ رايونى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەرنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە غايەت زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتىگە قارىتا، شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى كۆپ، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈردى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى. جۇڭگو شىنجاڭدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن.