تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن): «بەش لىنىيەنى بىرلەشتۈرۈش»تىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىك مەركەزلىك قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، 12315 قىزىق لىنىيەسى قوبۇل قىلغان ئەرز-شىكايەت، پاش قىلىش، مەسلىھەت سوراش ئۇچۇرلىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس بېجىرىشىگە دەرىجە بويىچە ئايرىپ بېرىلىدىكەن.
3-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 12315 قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 19 دىن 30 مىنۇتتىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەسلىدىكى سۈپەت نازارەتچىلىكى، يېمەكلىك-دورا، مال باھاسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق 5 تۈرلۈك ئەرز-شىكايەت، پاش قىلىش قىزىق لىنىيە تېلېفونلىرى رەسمىي لىنىيە تۇتاشتۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدا ئەرز-شىكايەت، پاش قىلىش 12315 قىزىق لىنىيەسىدە «بىر نومۇر ئارقىلىق ئۇلىنىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 12315 قىزىق لىنىيە تېلېفونى قوبۇل قىلغان ئەرز-شىكايەت، پاش قىلىش، مەسلىھەت سوراش ئۇچۇرلىرى شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 8 بىڭتۈەن تارماق ئىدارىسى، 106 ناھىيە دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، 306 بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىغا كېڭىيىدىكەن.
دورا بۇيۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 12331 قىزىق لىنىيەسى 12315 قىزىق لىنىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈلۈپ، دورا بۇيۇملىرىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر 12331 قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق ئايرىپ مەخسۇس بېجىرىلىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى، 12315 قىزىق لىنىيەسى ئەرز-شىكايەت، پاش قىلىش، مەسلىھەت سوراش ئۇچۇرىدىن 281 مىڭ 400نى قوبۇل قىلغان بولۇپ، قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇش نىسبىتى %70 تىن ئاشقان، ئىستېمالچىلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %83 كە يەتكەن.