شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى: «12326» خەلق ئاۋىياتسىيەسى مۇلازىمەت سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تېلېفونى يېقىندا رەسمىي ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، يولۇچىلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىش جەريانىدا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە، ئايرودۇرۇمغا ئىنكاس ئەرز قىلغاندىن كېيىن، ئەگەر رازى بولغۇدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىسە، «12326» خەلق ئاۋىياتسىيەسى مۇلازىمەت سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن.
خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دوڭ جىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «12326» خەلق ئاۋىياتسىيەسى مۇلازىمەت سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تېلېفونى ئەسلىدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىنكاس ئەرز قىلىش تېلېفونىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق ئىقتىدارى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە ئايرودۇرۇم قاتارلىقلارنىڭ يولۇچىلارنىڭ ئىنكاس ئەرزىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىكەن، «12326» تېلېفونى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە ئايرودۇرۇملارنىڭ ئىنكاس ئەرز قىلىش تېلېفونىنىڭ ئورنىغا قويۇلغان بولماستىن، بەلكى نازارەتچىلىك رولىنى ئۆتەيدىكەن، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە ئايرودۇرۇملار ئىنكاس ئەرز قىلىش تېلېفونى يەنىلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاس ئەرز قىلىشىدىكى بىرىنچى يولى ھېسابلىنىدىكەن.
دوڭ جىيى مۇنداق دېدى، «12326» تېلېفونى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئالاقىدار كارخانىلار «تۇنجى سوئالغا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى» نى داۋاملىق ياخشى ئادا قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئىنكاس ئەرزلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ، قانۇنلۇق مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك.