«جۇڭرى» دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئاغرىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فەن بىفا يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاتا دىئاگنوز قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تالالىق مۇسكۇل ئاغرىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقات- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، بىمارلار ۋە ئالاقىدار بۆلۈملەردىكى دوختۇرلارنىڭ كېسەللىككە بولغان بىلىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.
ھازىر دۆلىتىمىزدە، تالالىق مۇسكۇل ئاغرىقى يەنىلا «ناھايىتى ئاز ئادەملەرلا بىلىدىغان» بىر خىل كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىمارلارغا دائىم ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاندىن ئېنىق دېئاگنوز قويۇلىدىكەن.
فەن بىفا يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تالالىق مۇسكۇل ئاغرىقىغا ماس كېلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تالالىق مۇسكۇل ئاغرىقى كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان پۈتۈن بەدەن كەڭ دائىرىلىك ئاغرىش ھەمدە بەدەن روشەن دەرىجىدە بىئارام بولۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان بىر گۇرۇپپا كىلىنىكىلىك يىغىندى كېسەللىك، چارچاش، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش، سەھەردە قېتىپ قېلىش ۋە خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق روھىي ئالامەتلەر دائىم بىللە كۆرۈلىدۇ. تالالىق مۇسكۇل ئاغرىقىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، نۆۋەتتە مۇھىت ئامىلى جۈملىدىن جىددىي خاراكتېرلىك جاراھەت، ئالاھىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە بىمارلارنىڭ ئىجتىمائىي پىسىخىكىلىق ئالامەتلىرى قاتارلىقلار تالالىق مۇسكۇل ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللار بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتىدۇ.