يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ يېزىسىدا، چۇ شۈەنمىڭ خەت ساندۇقىنى ئېچىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پوچتىدىن سالغان خەت-چەكلىرىنى ئېلىشقا تەييارلانماقتا. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن چۇ شۈەنمىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ يېزىسىدىكى بىر پوچتالىيون، ئۇ پۈتۈن يېزىدىكى ئالتە مەمۇرىي كەنتنىڭ پوچتا يوللانمىسىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ھەر كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى، چۇ شۈەنمىڭ خېپىڭ پوچتا ۋاكالىتەن بېجىرىش ئورنىدىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، موتوسىكلىت ھەيدەپ تاغلىق كەنتتىكى ئاۋامغا پوچتا يوللانمىسى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئالدىراش چاغلىرىدا كەچ سائەت يەتتە-سەككىزلەردە ئاران خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ يېزىسى دابيېشەن تېغىنىڭ كىندىك رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قار-يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ، چۇ شۈەنمىڭ خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزۈپ باقمىدى. «پوچتا يوللانمىسىنى ۋاقتىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاۋامنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشەلىسەم، ناھايىتى مەمنۇن بولىمەن.» دېدى چۇ شۈەنمىڭ.
چۇ شۈەنمىڭ يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ پوچتا ۋاكالىتەن بېجىرىش ئورنىدا يەتكۈزۈلىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى رەتلىمەكتە. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ يېزىسىدا، چۇ شۈەنمىڭ موتوسىكلىت ھەيدەپ پوچتا يوللانمىسى يەتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
چۇ شۈەنمىڭ يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ يېزىسىدا پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش يولىدا. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
چۇ شۈەنمىڭ يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ يېزىسىدا پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش يولىدا. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان)
يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ يېزىسىدا، چۇ شۈەنمىڭ كەنت ئاھالىسى بىلەن ئالاقىلاشماقتا. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ يېزىسىدا، چۇ شۈەنمىڭ (ئوڭدا) پوچتا يوللانمىسىنى كەنت ئاھالىسىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكتە. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
چۇ شۈەنمىڭ يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ پوچتا ۋاكالىتەن بېجىرىش ئورنىدا پوچتا چېسلا تامغىسىنى كۆرسەتمەكتە. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
چۇ شۈەنمىڭ (سولدىن 1-كىشى) گېزىت-ژۇرناللارنى يۆشى ناھىيەسى خېپىڭ يېزىسى باۋشى باشلانغۇچ مەكتىپىگە يەتكۈزۈپ بەردى. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)