تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى كۇچا-چېڭدۇ، كورلا-لەنجوۋ-ۋۇخەن لىنىيەسىنى ئاچىدۇ

  باش مۇخبىرىمىز گۇ لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ سۇ خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى كۇچادىن چېڭدۇغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، بۇ كۇچا ئايرودۇرۇمىدىن شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتىسيە لىنىيەسى بولۇپ، كۇچا جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىىتىنىڭ شىنجاڭدىكى 11-قاتناش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى كورلا-لەنجوۋ-ۋۇخەن ئارا قاتنايدىغان يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچىدۇ، بۇ كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ ۋۇخەنگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ قالىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم يېڭى ئېچىلىدىغان كۇچا-چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە CA4279/80 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم ئۇچىدىغان بولۇپ، «كۇڭكې 319» بەلگىلىك ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە سائەت 15:15 ئۆتكەندە چېڭدۇدىن ئۇچۇپ، سائەت 19:30دە كۇچاغا قونىدىكەن، ئۇچۇش ۋاقتى 4 سائەت 15 مىنۇت بولىدىكەن؛ سائەت 20:25 ئۆتكەندە كۇچادىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 00:20 ئۆتكەندە چېڭدۇغا قونىدىكەن، ئۇچۇش ۋاقتى 3 سائەت 55 مىنۇت بولىدىكەن.

  ئىلگىرى، كۇچا ھەمدە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى يولۇچىلار ئايروپىلان بىلەن چېڭدۇغا بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئاقسۇ ياكى ئۈرۈمچىگە «ئۇچۇپ» بېرىپ، ئايروپىلان ئالمىشىپ شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچاتتى، يۈرۈش لىنىيەسنى تاللاش بىرلا خىل ھەم ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشى كۇچا، چېڭدۇ ئىككى جايدىكىلەرنىڭ بېرىش-كېلىش قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىش بىلەن بىرگە، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش چىقىمى ۋە ۋاقتىنى تېجەپ قالىدۇ.

  يېڭىدىن ئېچىلىدىغان كورلا-لەنجوۋ-ۋۇخەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە CA8271/2 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم ئۇچىدىغان بولۇپ، «كۇڭكې 320» بەلگىلىك ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئايروپىلاندىكى ئورۇن سانى 154 بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىشى بۆلمىسىدە 8، ئادەتتىكى بۆلمىدە 146 ئورۇن بار. نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە سائەت 07:25 ئۆتكەندە ۋۇخەندىن ئۇچۇپ، سائەت 09:45 ئۆتكەندە لەنجوۋغا قونىدىكەن، سائەت 10:40 ئۆتكەندە لەنجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 13:20 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ سائەت 14:30 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17:00 ئۆتكەندە لەنجوۋغا قونىدىكەن، سائەت 18:00 دە لەنجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 20:05 ئۆتكەندە ۋۇخەن تيەنخې خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى قاتناش نۇقتىسى 11گە يەتكەن بولۇپ، ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى، كورلا، غۇلجا، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر، قاراماي، شىخەنزە، قومۇل، تۇرپان ۋە كۇچا قاتارلىقلار.

  ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ