3-ئاينىڭ 11 -كۈنى، مىڭگۇاڭ شەھىرى گۈەندىيەن بازىرىنىڭ تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش بازىسىدا، دېھقانلار تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۈي ئۆلكىسى مىڭ گۇاڭ شەھىرى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رول ئويلىنىشى بىلەن، «كارخانا +ھەمكارلىق كوپىراتىپى (ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى)+جۇخارگۈلى دېھقانچىلىقى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تاتلىق يۇپۇرماقلىق جۇخارگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈش، تېرىپ ئۆستۈرۈش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
3-ئاينىڭ 11-كۈنى، مىڭ گۇاڭ شەھىرى گۈەندىيەن بازىرى تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش بازىسىدا، دېھقانلار جۇخارگۈل مايسىسىنى قەلەمچە قىلىپ تىكمەكتە.
3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان مىڭ گۇاڭ شەھىرى گۈەندىيەن بازىرى تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش بازىسىنىڭ بىر بۇرجىكى.