تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى ئىدىيە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى

ـــــ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

  مىڭ يىللىق ئۇلۇغ ئىشلاردا ئادەم ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كادىرلار خىزمىتى ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى دەسسىتىپ، كۈنسېرى ئەتراپلىق مۇكەممەللىشىپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ دىققىتى ۋە قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن قانۇن - نىزام، تۈزۈم مۇقەررەر دەۋر تومۇرىنى نامايان قىلىدۇ، مۇقەررەر ئەمەلىيەت تامغىسىنى باسىدۇ. ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى سۈپىتىدە، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى نەزەرىيە، ئەمەلىيەت، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ خۇلاسە قىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈشى، تارىخقا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، شۇنداقلا ئىشلار ۋە كادىرلارغا مەسئۇل بولغانلىق.

  بۇ قېتىم نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى 2018- يىلى 3- ئايدا رەسمىي باشلىنىپ، بىر يىل داۋاملاشتى. تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋامىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدا قىلىنغان كونكرېت بايانلار، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپلەر تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ نىشانىنى ئايدىڭ، يۆنىلىشىنى ئېنىق قىلىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش بىلەن بىللە، دىققەتنى ئىلگىرى ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان قىيىن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك نۇرغۇن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىزدىنىپ تاپتى، كادىرلار خىزمىتىنى «ئۇلنى پۇختىلاپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئەسلىي قىياپىتىگە قايتۇردى»، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى ئەمەلىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى، ئېقىن مەنبەسىگە ئىگە بولدى.

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كادىر باشقۇرۇش، تەشكىل ئادەم تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ پارتىيە ۋە خەلققە سادىق كىشىلەرنىڭ قولىدا پۇختا ئىگىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش

  پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا جۇڭگوچە كادىرلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ تۈپ تەلىپى، روشەن ئاساسى، نىزامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنىڭ ئاچقۇچلۇق مۇھىم مەزمۇنى.

  پارتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك، قايسى ۋاقىتتا پارتىيە رەھبەرلىكى چىڭ، كۈچلۈك بولسا، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلار تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان؛ قايسى ۋاقىتتا پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىز بولسا، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە ناتوغرا ئىستىل پەيدا بولۇپ يامراپ كەتكەن. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، بەزى ئورۇنلارنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، سۇسلىشىش، مەۋھۇملىشىش مەسىلىسى پەيدا بولدى، كۆرسىتىش بېلىتى، ئىمتىھان نومۇرى، GDP ۋە ياشقا زىيادە ئەھمىيەت بېرىش توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنىڭ ياخشى نامايان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ناتوغرا ئىستىل بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى، ئاۋاز توپلاش قىلمىشىدا ھىيلە - نەيرەڭ كۆپىيىپ، چەكلىسىمۇ تۈگىمەي، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى بۇزدى.

  مەسىلە دەۋرنىڭ ئاۋازى. دەۋرنىڭ ساداسىغا ماسلىشىپ، دەۋر ئېقىمىنى يېتەكلەشتە جەزمەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىنى دادىل ھەل قىلىش كېرەك.

  «پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» «ئەگەر رەھبەرلىك بەنزىسى، مەسئۇل رەھبەر ۋە تەشكىلات تارمىقى قايسى كادىرنىڭ كۈچلۈكلۈكى، قايسى كادىرنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنداقتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ»... پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش داۋامىدىكى ئۆتكەلنى ئىگىلەش، يۆنىلىشنى بېكىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلار دىلنى يورۇتتى، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدۇردى.

  باش پىروگرامما تىكلەنسە، تارماق نىشانلار ئايدىڭلىشىدۇ، بىر تومنىڭ مەزمۇنى ئېنىق يېشىلسە، نۇرغۇن ماقالىنىڭ مەزمۇنى روشەنلىشىدۇ. باش شۇجىنىڭ مۇھىم بايانلىرى مۇھىم ھالقا ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى تۇتۇپ، كادىرلار خىزمىتى ئۈچۈن بۇلۇتنى يېرىپ قۇياشنى كۆرسىتىپ بەردى، يامانغا لەنەت ئوقۇپ ياخشىنى مەدھىيەلىدى، ناچار ئىستىلنى تۈگىتىپ، دۇرۇس ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى باش شۇجىنىڭ يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، كادىرلار خىزمىتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كادىرلار خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، مۇھىم، زور ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ـــ دېموكراتىك كۆرسىتىشنى ياخشىلاش «پەقەت بېلەت سانىنىلا ئاساس قىلىش» مەسىلىسىگە قارىتا «ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش» دېگەنلىك. دېموكراتىك كۆرسىتىش فۇنكسىيەسىنىڭ ئورنىنى قايتا بېكىتىپ، دېموكراتىك كۆرسىتىشنىڭ تېگىشلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ـــ رىقابەت خاراكتېرلىك تاللاپ ئۆستۈرۈشنى ياخشىلاش «پەقەت نومۇر سانىنىلا ئاساس قىلىش»نى «بايراقنى چۈشۈرۈپ، دۇمباقنى توختىتىش»قا مايىللاشتۇرۇش دېگەنلىك. رىقابەت خاراكتېرلىك تاللاپ ئۆستۈرۈش دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، ئۇنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم شەكلى، ھەتتا بىردىنبىر شەكلى قىلىۋالماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، رىقابەت خاراكتېرلىك تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ قېتىم سانى ۋە نىسبىتىنى قاتتىق بېكىتمەسلىك كېرەك.

  ـــ تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش «پەقەت GDP نىلا ئاساس قىلىش»تەك سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى ياخشىلاش توغرىسىدا ھۆججەت چىقىرىلىپ، ئاددىي ھالدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى كادىرلارنىڭ ئەخلاقى، ئىقتىدارى، تىرىشچانلىقى، نەتىجىسى، پاكلىق ئەھۋالى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماسلىق، ئاددىي ھالدا GDP ئارقىلىق «قەھرىمان»لارغا باھا بېرىشتىن ساقلىنىش تەكىتلەندى.

  ــــ پېشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلارنى پەلەمپەيسىمان سەپلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «پەقەت ياشنىلا ئاساس قىلىش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش. ياش كادىرلارنى دائىملاشتۇرۇپ سەپلەش نىشانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كادىرلار بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ سەپلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى پېشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلارنى كۈچ - غەيرەتكە، ئۈمىدكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ......

  بىر ئۈلۈش يەڭگىلتەكلىك ئازلاپ، بىر ئۈلۈش پۇختىلىق كۆپەيدى. كادىرلار، ئامما مۇشۇ يىللاردا كادىرلار خىزمىتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك نەتىجە - ئۈنۈمنىڭ دەل بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت پەقەت» خاھىشىنى قەتئىي تۈزىتىش ئىكەنلىكىنى، كادىرلارنىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ «بېلەت»، «نومۇر»، GDP، ياش ئۈچۈن گاڭگىراپ قالمايدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلدى. بولۇپمۇ 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، كۆرسىتىش ئۇسۇلى جەھەتتە «يىغىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «سايلام بېلىتىگە بەلگە قويۇش» يولغا قويۇلماي، ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، مۇشۇ ئاساستا پايدىلىنىش تىزىملىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاندىن يىغىندا كۆرسىتىلدى؛ تەكشۈرۈش سۆھبىتى بىر ھالقىدىن پۈتكۈل جەريانغا كېڭەيتىلىپ، سۆھبەت دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، سۆھبەت مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، ئەلرايىنى ئىپادىلەشنىڭ كەڭ دائىرىلىكى، چىنلىقى، ئۈنۈمدارلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. «كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى تۇراقلىق، رەھبەرلەرنىڭ ئەتراپى ناھايىتى تىنچ، جەمئىيەتتە ئىنكاس ناھايىتى ياخشى بولدى». نۇرغۇن كادىرلار، ئامما نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تولۇق ئېتىراپ قىلدى.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشقا قارىتا يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى، تەكلىپ - تەلەپلەر تولۇقلاندى، دېموكراتىك كۆرسىتىش تەرتىپى تەڭشەلدى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە ئالاقىدار مەزمۇننى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكلىپ، دېموكراتىك كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش، مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا ھەمدە قانۇن بويىچە كۆرسىتىش، نامىنى ئاتاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يەنىمۇ سىڭدۈرۈپ، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش، يۆنىلىشنى بېكىتىش رولى تولۇق نامايان قىلىندى. بولۇپمۇ سۆھبەتلىشىپ، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىپ كۆرسىتىش، يىغىندا كۆرسىتىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلدى، بەزى ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دېموكراتىك كۆرسىتىشنىڭ جانلىقلىقى كۈچەيتىلدى، ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىشتىكى ئورۇن بېكىتىشنى تەڭشەشكە قارىتا، مەركەزنىڭ يېڭى تەلىپى كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنى ياخشى تاللاش، ئادەمنى توغرا ئىشلىتىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ساپالىق تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق قىلىندى، يولى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى

  سىياسىي لۇشيەن بېكىتىلگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىدۇ. 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى كۈچەپ تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، بايراق روشەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىن، باش شۇجى يەنە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، «تۆت بولۇش» «تۆتتە تۆمۈردەك بولۇش» «بەشتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش» قاتارلىق تەلەپلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەم ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى تەشكىلنىڭ ئادەم تاللىشىنى مىزان بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە تەشكىلنىڭ ئادەم تەربىيەلىشى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى، كادىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  نەزەرىيەدە سەگەك بولغاندىلا سىياسىيدا سەگەك بولغىلى بولىدۇ، نەزەرىيەدە قەتئىي بولغاندىلا سىياسىيدا قەتئىي بولغىلى بولىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كادىرلارنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشتىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش تەتقىقات، مۇھاكىمە كۇرسىنى ئۆتكۈزۈپ، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىلگىرى - كېيىن ئىككى قېتىم كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەرسلىك سىستېمىسى، ئوقۇتۇش ماتېرىيال سىستېمىسى، پەنلەر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى، مەركەزلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش - لېكسىيە سۆزلەش، كادىرلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى، ئەمەلىيلىشىشىنى، قەلبلەرگە سىڭىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  غايە - ئېتىقاد كادىرلارنىڭ مەنىۋى «كالتسىيسى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئىلگىرى - كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى، كەڭ كادىرلار ئىدىيەنى پاكلاش ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەنى چوڭقۇر قوبۇل قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ كەڭ كادىرلارنى تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، يېتەكلەشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئەخلاق قابىلىيەتنىڭ يولباشچىسى، قابىلىيەت ئەخلاقنىڭ ئاساسى.» رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلىگەندىلا ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، قابىلىيىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كادىرلار قوشۇنىدىكى ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، «ئىقتىدار ۋەھىمىسى» مەسىلىسىنى يېڭىشنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىر تەرەپتىن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان كەسىپلەشتۈرۈش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەركەزدىكى ئورۇنلار ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشقا پائال تاللاپ ئەۋەتتى، كادىرلارنىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، چىڭخەيگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى جاپالىق، چەت - ياقا رايونلارغا، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چېنىقىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشكە تاللاپ ئەۋەتتى.جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە باغلىق. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاش، تاللاپ ئۆستۈرۈش پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان. بىزنىڭ پارتىيەمىز ئەزەلدىن كادىرلار قوشۇنىنى مەنبەدىن تەربىيەلەشكە، يېڭى، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ۋە ئالمىشىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىشتىن، ياش كادىرلارنى دائىملاشتۇرۇپ سەپلەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، مەخسۇس تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەشتىن، ئەسقاتىدىغانلىرىنى تاللاپ تەربىيەلەش ئومۇمىي زەنجىرى مېخانىزمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بەرپا قىلىشقىچە... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولدى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ قېتىم نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئومۇمىي پىرىنسىپ قىسمىدا ئاساسىي مەقسەت باشتىلا دېيىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى بايقاش ۋە تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش ئاساسىي شەرتى ۋە سالاھىيىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي ساپاسى، ئەخلاق - پەزىلىتى، كەسپىي ساپاسى، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە ئىستىل جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش تەكىتلىنىپ، يېڭى دەۋردە «قانداق ئادەمنى تاللاش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور مەسىلىگە ئىنتايىن ياخشى جاۋاب بېرىلىپلا قالماي، يەنە «ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش»كە كۈچەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  سىياسىي ساپا ۋە سىياسىي ئىپادىسىنى ئىگىلەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىشنى بىلىش، ئادەمنى تونۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، كادىرلارنى تاللاش، بەنزىنى سەپلەش ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىپ، ئۇسۇلى تېخىمۇ دەل، ئىلمىي بولدى

  ئادەمنى دەل جايىدا ئىشلىتىشتە ئالدى بىلەن ئادەمنى بىلىش كېرەك.

  دەل، ئىلمىي ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە قويغان مۇھىم تەلىپى. كادىرلار خىزمىتىنىڭ سىياسىۋىيلىكى، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، كەڭ پارتىيەلىك كادىر ئىختىساسلىقلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن دەل، ئىلمىي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كادىرلار خىزمىتىدە دەل، ئىلمىي بولۇش تەلىپى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، ئادەم تونۇش ئىدىيەسى، يولى، مېخانىزمى قاتارلىق مۇھىم جەھەتلەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشنى ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى.

  «ئادەم ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئادەمنى ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان ۋەزىپىگە تەيىنلەش كېرەك». كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش كادىر باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، «قوماندانلىق تايىقى»نىڭ رولىنى ئوينايدۇ، جەزمەن دەل، ئىلمىي بولۇشى كېرەك.

  نۆۋەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى نىزامىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، مەركەز باشقۇرىدىغان رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كۆرسەتكۈچ تەسىس قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، قايتما ئىنكاس شەكلىنى ياخشىلاۋاتىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئادەتتىكى تەكشۈرۈپ باھالاش، يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش، ۋەزىپە مۇددىتىدە تەكشۈرۈپ باھالاش، مەخسۇس خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ ئىشلىگەن بىلەن ئاز ئىشلىگەن، ياخشى ئىشلىگەن بىلەن ناچار ئىشلىگەن، ئىشلىگەن بىلەن ئىشلىمىگەن ئوخشاش بولۇش مەسىلىسىنى پائال ھەل قىلدى. ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، راست گەپ قىلىدىغان، ئەمەلىي ئىش بېجىرىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىنتىلىدىغان كادىرلار مۇكاپاتلاندى ۋە رىغبەتلەندۈرۈلدى، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، سۆرەلمىلىك قىلىدىغان، يالغان ئىش قىلىدىغان، قالايمىقان ئىش قىلىدىغان كادىرلار ئاگاھلاندۇرۇلۇپ ئويغىتىلدى ۋە جازالىنىپ ئىبرەت بېرىلدى.

  كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش بىلەن كادىرلارنى تەكشۈرۈش ئىشنى بىلىش، ئادەمنى تونۇش، ئادەمگە ئەتراپلىق قاراش جەريانىدا ئۆزئارا بىر - بىرىنى دەلىللەيدۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى كادىرلارنى دەل، پۇختا تەكشۈرۈپ باھالاشتا نۇرغۇن يېڭى تەدبىرلەرنى قوللاندى. مەسىلەن، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزىلارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش دەرىجىسى، باغلىنىشلىق دەرىجىسى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرى تەلىپى بويىچە، سۆھبەتلىشىش دائىرىسى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، سۆھبەت مەزمۇنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەندى. مەسىلەن، كادىرلارنىڭ «سەككىز سائەت»تىن سىرتقى ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكى، تۇرمۇش چەمبىرىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. مەسىلەن، كادىرلارنى تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ئەمەلىي جانلىق يېزىلىپ، كادىرلارنىڭ «رەسىمى» دەل، جانلىق سىزىلىپ، كادىرلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىق - كەمچىلىكلىرى قەغەزگە ئېنىق يېزىلدى.

  كادىرلارنى تەكشۈرۈشتە سىياسىي ئۆتكەلنى ئىگىلەش ۋە سىياسىي ساپاسىنى تەكشۈرۈش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ تېشىغا قاراپ باھا بەرمەي، ئىچىگە قاراپ باھا بېرىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۇستىلىق بىلەن نىقابلانغان، چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولۇپ، توغرا پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش جەريانىدا، كونكرېت ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش - پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ھەم سۆزىنى ئاڭلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكىتىگە قارىشى، ھەم تېشىنى كۆزىتىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىچىنى تەھلىل قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىمايدىغان، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرمايدىغانلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىشى كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا نىسبەتەن پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولغانلار، ھەتتا كۆڭلىدە نارازىلىقى بار، باشقىچە ئىش تۇتقانلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىشى كېرەك؛ سۆڭىكى بوشلار، شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغانلار، پەي - قانىتىنى ئاسرايدىغانلار، ئاتالمىش «ئاقىل مۆتىۋەر»لەردىن بولۇۋېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىشى كېرەك...

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامدا، ئادەمنى دەل تونۇش ۋاسىتىسىنى كېڭەيتىش، ئىلمىي ئادەم ئىشلىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇھىم نۇقتىسى كۆزلىنىپ، ئادەمگە ئادىل قاراشنىڭ مۇھىم ھالقىسى تۇتۇلۇپ، ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكلىپ سالمىقى ھەقىقىي ئاشۇرۇلۇپ، ئايرىم سۆھبەتلىشىش قاتارلىق تەكشۈرۈش شەكىللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش تەكىتلىنىش بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىشنى بىر تۈرلۈك ئايرىم تەرتىپ قىلىش ھەم گەۋدىلەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى. بولۇپمۇ نامزاتلار شەرتى ئۆتكىلىنى ئىگىلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى سىياسىي ئۆلچەم روشەن تۇرغۇزۇلۇپ، سىياسىي ساپاسىنى تەكشۈرۈشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كادىرلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى تەكشۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كادىرلارنىڭ كەسپىي ساپا جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پاكلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى، ئەخلاق ئۆتكىلى، ئىقتىدار ئۆتكىلى، ئىستىل ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلى تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەش يەنىمۇ دەللەشتۈرۈلدى.

  مۇۋاپىق ئادەمنى مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش سىستېما قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، كەسىپتە پەزىلەتلىكلىرىنى تاللاپ، قابىلىيەتلىكلىرىنى تەيىنلەش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش، مەنبەنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كۆزلەندى

  ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە موھتاج، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار دەل ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنىڭ ئاساسىي قوشۇنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل، دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى كادىرلار خىزمىتىدىكى بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك ۋە روشەن يۆنىلىش كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى چىقىش قىلىپ كادىرلارنى تاللاش، كادىرلارنى ئىشلىتىش بولدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەيلى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئىككى كومىتېت»نىڭ نامزاتىنى تەكشۈرۈش، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا بولسۇن ياكى كادىرلارنى ئادەتتىكى تولۇقلاپ تەڭشەشتە بولسۇن، ھەممىسىدە «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىشتا ئىپادىسى مۇنەۋۋەر بولغان كادىرلار بايقاپ ئىشقا قويۇلۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان كىشىلەر مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار رەھبەرلىك بەنزىسىنى سەپلەش ۋە خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، خىزمەت ئورنى سانىنى باشقۇرۇش ۋە كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەشتە ھەم «بىر تاياقتا ھەيدەش»نى قوللانماي، ھەم ئاددىي ھالدا «ئورۇننى كۆپەيتمەي»، كەسىپ يۆنىلىشى، كەسىپ ئېھتىياجى نامايان قىلىندى.

  نۆۋەتتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كەسىپلەشتۈرۈش، مەخسۇسلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈشكە قارىتا بارغانسېرى يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، رەھبەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە كەسپىي تەپەككۇر، كەسپىي ساپا، كەسپىي ئۇسۇل بولۇشى كېرەك؛ كەسپىي ساپا كەسپىي بىلىم، كەسپىي ئىقتىدار، كەسپىي ئىستىل، كەسپىي روھنىڭ بىرلىكى، پەقەت كەسىپ ئۇدۇل كەلسە بولىدىغان ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس.

  ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەۋقەنى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان فۇنكسىيەلىك ئورنى، تەرەققىيات باسقۇچىنى پەرقلەندۈرۈپ، ھەم رەھبەرلىك قابىلىيىتىگە ئىگە، ھەم كەسپىي ماھارەتكە ئىگە كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى بىر جاينىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا، بىر ئورۇننىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىگە، بىر كارخانىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىگە تولۇق ماسلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

  «كوئېنلۇن تېغىغا گۈزەل قاشتېشى توپلانغان، چوڭ ئىمارەت نۇرغۇن ماتېرىيالدىن سېلىنغان». مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەسىپلەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلىشىگە ئېھتىياجلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار كادىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى يوللىرىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپنى بىلىدىغان، قابىلىيەتلىك، ئەمەلىي نەتىجىسى ياخشى مۇنەۋۋەر كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا كىرگۈزدى. شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خىزمەت تەجرىبىسى بار زور بىر تۈركۈم كادىرلار پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

  «پروگرامما تىلغا ئېلىنسا، كۆزىمىز تەبىئىي ئېچىلىدۇ؛ يىلتىز قاياققا سوزۇلسا، ئۇچ تەبىئىي ئەگىشىدۇ.» تەشكىلىي لۇشيەن سىياسىي لۇشيەنگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، كادىر تاللاش، بەنزە سەپلەشتە جەزمەن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن نىزامدا «ئىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادەم بىلەن ئىش ئورنى ماس كېلىش، ئادەم بىلەن ئىش مۇۋاپىق كېلىش» مۇھىم پىرىنسىپلارنىڭ بىرى قىلىنىپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، ئەخلاق - پەزىلىتى، ئىستىل جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، پاكلىق ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىللە، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دادىل مەسئۇل بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك مۇنەۋۋەر كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى. نىزامدا ئادەم تاللاش نەزەر دائىرىسى ۋە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كارخانا، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئارىسىدىن پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى بايقاپ تاللاپ ئۆستۈرۈشكە دىققەت قىلىش ھەم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى كادىر ئىختىساسلىقلىرىنى ۋاقتىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش روشەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جاھاندىكى تالانتلىقلارنى تاللاش ھەم ئىشلىتىشتەك كۆڭۈل - كۆكسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا توپلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.

  سىجىل كۈچەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھالقىلىق ئاز سانلىقلار چىڭ تۇتۇلدى، قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش ئېكولوگىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، كەيپىيات ۋە ئىستىل كۈنسېرى سۈزۈكلەشتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياخشى كادىرلار تاللاش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، بولۇپمۇ باشقۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن قاتتىق تەربىيەلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر كادىرنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش ئاستىدا خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشقا چوڭقۇر، يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، كادىرلار قوشۇنى «بىر كۆلچەك سۈزۈك سۇ»غا ئايلىنىپ، ئەلالىرىنى تاللاپ، ئىختىساسلىقلارنى ۋەزىپىگە قويۇش ئاندىن ئىشەنچلىك ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان مۇستەھكەملىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، مەسىلىدىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەش، تەپسىلاتتىن باشلاپ تۇتۇش، چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەسلىك، سىجىل كۈچەش، ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇردى.

  − ئىدىيەۋى تەربىيە چىڭىتىلدى. «كىچىك چاتاق ھەل قىلىنمىسا، چوڭ چاتاق چىقىدۇ.» مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات - كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنى ئەسكەرتىش، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، سىياسىي قائىدە ۋە سىياسىي ئىنتىزام ئارقىلىق تەربىيەلەش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىردىشىش - سۆھبەتلىشىش، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش، ئادەتتىكى ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق شەكىللەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كادىرلارنى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، يۈزىنى قىزارتىش ۋە تەرلەتكۈزۈشنى ھەقىقىي ھالدا دائىملاشتۇردى. يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى بېسىپ تارقىتىلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات - كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى جەمئىي 1 مىليون 396 مىڭ ئادەم قېتىم ئەسكەرتىش، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 108 مىڭ ئادەم قېتىم ئەسكەرتىلدى، 169 مىڭ ئادەم قېتىم خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈلدى، 119 مىڭ ئادەم قېتىم تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.

  ـــ مەسىلىنى تۈزەش چىڭىتىلدى. «ئۈچنى ئاشۇرۇۋېتىش، ئىككى قالايمىقان بولۇش» «سالتاڭ ئەمەلدار» «ئىشلىمەي مائاش ئېلىش» ھەمدە كادىرلار ئارخىپىدا ساختىلىق قىلىش، رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، شەخسىي ئىش بىلەن چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىش قاتارلىقلارنى مەخسۇس تۈزەش مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلدى. كادىرلار ئارخىپىدا ساختىلىق قىلغانلارنى ئېنىقلاش، تۈزەش بىر تۈرىدىلا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن 15مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى ئارخىپىنى تەكشۈرۈش تاماملىنىپ، 3 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئارخىپ ئۇچۇرى قايتىدىن بېكىتىلدى، ئۆزگەرتىش، ساختىلىق ئىشلىتىشكە چېتىشلىق 59 مىڭ كىشى بىرتەرەپ قىلىندى، جازالاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كادىر، مالىيە، مۈلۈككە دائىر تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، تەقسىملەش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن مۇھىم خىزمەت ئورنىدىكى كادىرلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، شاڭخەي قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.

  ـــ ئىستىلنى تەرتىپكە سېلىش چىڭىتىلدى. «تۆت خاھىش» ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلە، شۇنداقلا پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان مۇھىم مەنبە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت بۇ جاھىل كېسەلنى ھەل قىلىشنى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، 21 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، «يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى» «ئاپتوموبىل ئىشلىتىشتىكى چىرىكلىك» «سەھنىدىكى ھەشەمەتچىلىك» «ئارامخانىدىكى ناچار ئىستىل»نى قاتتىق چەكلەپ، داۋاملىق «تۆت خاھىش»تىكى يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن مەسىلىلەرنى تۈزىدى، بولۇپمۇ يېڭى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى تۈزەش، نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، كادىرلارنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىشقا يېتەكلەپ، «تۆت خاھىش»قا قەتئىي قارشى تۇردى.− ئىنتىزام چەكلىمىسى چىڭىتىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى «چاتىقى بولسىمۇ ئۆستۈرۈش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش پىكرى ۋە كادىرلارنىڭ چىقالايدىغان، چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بەلگىلىمىسىنى بېسىپ تارقىتىپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خاتىرىسى، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت جەزمەن» «قوش ئىمزا قويۇش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاكلىق جەھەتتە مەسىلىسى بارلارغا قارىتا «قىلچە يول قويماسلىق»نى ئىجرا قىلدى. بولۇپمۇ يەرلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا، لياۋنىڭدىكى سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسى، خۇنەن خېڭياڭدىكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى، سىچۈەن نەنچۇڭدىكى سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى باشلىنىشى بىلەنلا ئىنتىزام قىزىل سىزىقىنى سىزىپ، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» «ئەينەك»نى ئىشلەپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدىكى ئىستىل ۋە كەيپىياتنى سەييارە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، تىركىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتىكى تىپىك دېلولارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي چىڭىتىش، دادىل باشقۇرۇش - دادىل چىڭىتىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش - ئۇزاققىچە چىڭىتىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتتى، جاھىل كېسەل، كونا ئىللەتلەرنى تۈگەتتى، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇردى، كادىرلار قوشۇنىنى پاكلاشتۇردى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلدى.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزام پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىدار تۈزۈم مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق قوبۇل قىلىنىپ ۋە ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكلىپ ھالقىسىدا ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەش، ئالاقىدار ئىشلارنى ئالدىن تەكشۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قاتتىق تاللاپ ئۆستۈرۈش زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، «ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت جەزمەن» «قوش ئىمزا قويۇش» قاتارلىق تەلەپلەر مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈم جەھەتتىكى ئالدىنى ئېلىش قەپىزى زىچ توقۇلدى؛ يىغىننىڭ مۇزاكىرىسىگە تاپشۇرۇشقا بولمايدىغان كونكرېت ئەھۋاللار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)، تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارمىقى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى، كادىرلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىپ، ئادەم تاللاش سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، سىياسەت، تۈزۈمنىڭ نوپۇزلۇقلۇقى، قېلىپلىشىشچانلىقى، قاتتىقلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.

  تەدبىرلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، كەڭ كادىرلار يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىغان كەيپىيات ۋە مۇھىت يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈلدى

  بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى بولىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ 90 نەچچە يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ھەرقانداق ۋاقىتتىكى خىزمەتلىرىمىز كەڭ كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئايرىلمىغان.

  2019- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەم مۇھىم سۆز قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار كۈرەش قىلىش داۋامىدا چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلىشى، «ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش، خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ يەنە ئاتلىنىش»تەك قەيسەر ئىرادە بىلەن، ھەربىر مەيدان مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  كەڭ كادىرلارنى كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە، ھەم قاتتىق باشقۇرۇشقا تايىنىش، ھەم غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈشكە تايىنىش كېرەك، بۇ ئەزەلدىن «بىر تال تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزى»، ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ كەلگەن. 2018- يىلى 5- ئايدا مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق ئىللەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش، تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆپلىگەن ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ كەڭ كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كادىرلارنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلىشىنىمۇ يول باشلىغۇچ بىلەن تەمىنلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، جياۋ يۈلۇ، لو ياڭ، لياۋ جۈنبو قاتارلىق ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى، ۋەزىپە بىلەن ۋەزىپە دەرىجىسىنى تەڭ يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - بازار كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، مۇنەۋۋەر كەنت كادىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كەنت ئەمەلدارى ۋە يېزا - بازارلارنىڭ كەسپىي ئىشتاتلىق خادىملىرى ئارىسىدىن يېزا - بازار رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى، يېزا - بازار خىزمىتىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا يەتكۈزۈپ، كادىرلارنى جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشقا ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

  «ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بولغۇچىلار، ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن جارى قىلىدىغان قىلالايدۇ، كۆپنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭمۇ دانالىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە جارى قىلىدىغان قىلالايدۇ». ئادەمنى ياخشى تاللاش، ئادەمنى توغرا ئىشلىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ بىۋاسىتە رىغبەتلەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەتىجە ياراتقانلارنى مۇناسىپ ئورۇنغا قويۇش، ئادەمنى تونۇش، ئادەمنى كۆزىتىشتە مەسئۇلىيەتچانلىقىغا قاراش، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى تارماق، ھەرقايسى ساھەدە ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بىر تۈركۈم سەرخىل قوشۇن، قابىل سەركەردىلەرنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ سەپلىدى. تىپ ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر كادىرلارغا سەھنە ھازىرلاپ بەردى، ئۇلارنى تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى.

  ناچار ئادەم، ناچار ئىشلارغا زەربە بېرىپ، ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى تەقدىرلەش كېرەك. قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، قالايمىقان ئىش قىلىدىغان كادىرلارنى تەڭشىگەندە، بىر تۈركۈملىرىنى تەربىيەلەش، بىر تۈركۈملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشتەك چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشى توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن كادىرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ناچارلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم، «چىقالايدىغان» ۋە «چۈشەلەيدىغان»لىقىنى سىنايدىغان مىزان بارلىققا كەلتۈرۈلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالمايدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان كادىرلارغا قارىتا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، تەڭشەشكە تېگىشلىكلىرىنى تەڭشەپ، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، سۆرەلمىلىك قىلىدىغان كادىرلارنىڭ ئورنىنى بوشاتقۇزدى، ئۇلارنى سەگەكلەشتۈردى.

  ئىش قىلغاندا ھامان خەۋپ - خەتەر بولىدۇ، ھەربىر خىزمەتتە مەغلۇپ بولمايمەن، دەپ مۇۋەپپەقىيەتنىلا كۆزلەشكە بولمايدۇ. 2016- يىلى 1- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۈچنى ئايرىش» مۇھىم تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ مۇھىم تەلەپنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش پىرىنسىپى، كونكرېت ئەھۋال، خىزمەت تەرتىپى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ۋە ئىنچىكىلەشتۈردى، نۆۋەتتە نۇرغۇن جاي مۇشۇ ئارقىلىق يانداش ھۆججەتلەرنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ ئېلان قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىغدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى دادىل سىغدۇردى، سىغدۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى قەتئىي سىغدۇرمىدى.

  بۇ قېتىم يېڭىدىن تۈزىتىلگەن نىزامدا قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، «دادىللىق بىلەن ئىشلىتىش، قەتئىي تەڭشەش، سىغدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سىغدۇرۇش» تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشتىكى تېگىشلىك مەزمۇن، دەپ قارىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىقالايدىغان، چۈشەلەيدىغان بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كادىرلارنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدىكى سەۋەنلىكى، خاتالىقلىرىغا كەڭ قورساق بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەڭ قورساق بولۇشتا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاشۇ كادىرلارغا ئوبيېكتىپ، ئادىل مۇئامىلە قىلىنىپ، «ئەلالىرىنى چىقىرىش، ئەقىلسىزلىرىنى چۈشۈرۈش، ناچارلىرىنى شاللاش»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق ئىلمىي مېخانىزم تەكىتلەندى.

  ماياك يۈرۈش مۇساپىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، ئىدىيە يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردە كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ھەم كەڭ كادىرلار، تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، نىزامنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، كادىرلار خىزمىتىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچ كادىرلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملىق تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ