تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 3- ئاينىڭ 16- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلىدا ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى مۇھىم سۆزى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەن، ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلىگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتتە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز پېتى ئۆگىنىپ، تەكرار، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىش، ۋاقتىدا يىغىن ئېچىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ئەستايىدىل ئۆگىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات ئورۇنلىرى، ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتى يارىتىپ، ئامما ياخشى كۆرىدىغان شەكىل ۋە چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئاممىغا يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاش كېرەك. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ