تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئوبدان تاقاڭ! شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

  باش مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ كېمىن خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 13:00دە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى. مۆلچەرلىنىشچە، بۈگۈن كېچىدىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كۈندۈزگىچە شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. بۈگۈن كېچىدىن 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كۈندۈزگىچە تۇرپان، قومۇلدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. 30 چاقىرىم شامال رايونى، 100 چاقىرىم شامال رايونىدا پەيتلىك بوران كۈچى 10 بالغا يېتىدىكەن. قىسمەن رايونلاردا چاڭ-توزانلىق ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران يەتتە بالغا يېتىدىكەن.  تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا  چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ھەر قايسى تارماقلار ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك ئىكەن.

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ