تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] ياشلىق باھارىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەي، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئارزۇ تىكلەش

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئۇ كۈنى، بىز ئۇچراشقاندا، مەن بېشىمنى ئېگىپ نۇرلۇق كۆزىڭىزگە قارىدىم، سىزنىڭ «ياخشىمۇسىز مۇئەللىم» دېگەن بىر ئېغىز گېپىڭىز قۇياش نۇرىدەك قەلبىمنى ئىللىتتى، مېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئارزۇيۇمنى يورۇتۇپ، قاردىن كېيىنكى قۇياش نۇرىدەك ئىللىقلىق ئاتا قىلدى.

   بۇلتۇر 9-ئايدا، يۈ گويىن ئانا مەكتىپى شەندۇڭ تەيشەن شۆيۈەنىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تىزىملاتتى. شەندۇڭنىڭ تەيئەندىن شىنجاڭنىڭ قەشقەرگىچە، ئۇ 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىغا كەلدى؛ ئوقۇغۇچىلىقتىن پىراكتىكانت ئوقۇتقۇچىلىققىچە، ئۇ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ئارزۇسىنى بېزىدى، ئارزۇسى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببەت تارقاتتى.

  يۈ گويىن قەشقەردىكى يەسلىدە پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بەردى.

  «قۇملۇقتا كۆتۈرۈلدى ئىس گەز بويى، دەريادا ئەكس ئەتتى قۇياش شولىسى» بۇ، يۈ گويىن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەنزىرە بولۇپ، ئەسلىدە شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغىنى تاغ-دەريالار، چۆللۈك ۋە يايلاق دەپ قارىغان ئىدى، لېكىن تۆت ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، يۈرىكىنى كۆيدۈرۈۋاتقىنى جۈپ-جۈپ ساددا، نۇرلۇق كۆزلەر بولدى......

  «يۈ مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز»، ئۇ تۇنجى قېتىم يوپۇغا ناھىيەسى يوپۇغا يېزىسى قايغۇل كەنتى يەسلىسىنىڭ ئوتتۇرا 2-سىنىپىغا كىرگەندە، 30 نەچچە كىچىك دوستنىڭ چۈچۈك تىللىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىردىنلا ئېرىتىۋەتتى. بۇنچە كۆپ ئوماق چىراي، كۈلۈمسىرەشلەر ئۇنىڭدا بىردىنلا ئۈمىد پەيدا قىلدى. يۈ گويىن ئىچىدە: چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بالىلار ئۈچۈن رەڭدار چۆچەك ئارزۇسى توقۇپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەلدى......

  بالىلار رەسىم ئەسەرلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

  كىچىك دوستلار بىلەن بىللە بولغان ھەر بىر كۈن يۈ گويىننى قاتتىق ھاياجانغا سېلىپ، بۇ «قوپال ئەر» نى تېخىمۇ سەۋرچان، تېخىمۇ مۇلايىم قىلىپ ئۆزگەرتتى، بالىلارمۇ تارتىنمايدىغان، جۈرئەتلىك بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلىدى.

  ئابدۇللا يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەراپات ئۇخلىغاندا يوتقاننى تېپىپ ئېچىۋېتىدۇ، پاتىمە ئۇسسۇلنى ئەڭ چىرايلىق ئوينايدۇ... بىلىپ-بىلمەيلا، ھەر بىر بالىنىڭ مىجەزى، تۇرمۇش ئادىتىنى يۈ گويىن بىلىپ كەتتى.

  يۈ گويىن چۈشلۈك ئۇخلاۋاتقان بالىغا يوتقان يېپىپ قويماقتا.

  بىر قېتىم، ئابدۇل ئەزىز كېسەل بولۇپ قالدى، يۈ گويىن دەم ئالماي دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا نەچچە ئاخشام قارىدى. دوختۇرخانىدىن چىققاندا، «شاكىچىك» ئۈچ دانە بادام چىقىرىپ يۈ گويىنغا، بۇنى ئالدىنقى قېتىم ئالايىتەن ئېلىپ قويۇپ، پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى، يۈ گويىننىڭ قەلبى ھاياجانغا تولۇپ، ئىختىيارسىز بۇرنى ئېچىشتى.

  يۈ گويىن بالىلارغا تاماق يېگۈزمەكتە.

  بۇ بىر توپ بەزىدە كەپسىزلىك قىلسا، بەزىدە كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان «شاكىچىك» لەر يۈ گويىننى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. يۈ گويىن مۇنداق دېدى: ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يەردىكى تۇرمۇش كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆچمەس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى، خۇددى تامدىكى دورائېمون، بامبۇك يىڭناغۇچ ۋە ۋاقىت تونىلىدەك، مەن ۋە بالىلارنىڭ ھېكايىسىنى يېزىپ، ماڭا نېمىنىڭ بىھۇدە سەپەر ئەمەسلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئىرادەمنى چىڭىتتى.

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ