تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

لەيلىگەكنىڭ ئۆمرى راستتىنلا شۇنچە قىسقىمۇ؟

  نۇرغۇن كىشىلەر لەيلىگەكنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، راستتىنلا شۇنداق بولامدۇ؟

  لەيلىگەك ئەسلى ھالەت ئۆزگەرتىش تۈرىدىكى سۇ ھاشارىتى بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا يىڭناغۇچ بىلەن ئوخشاشلىقى بار بولسىمۇ، ئەمما تېنى خېلىلا كىچىك. ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە ئۈچ مىللىمېتىردىن 27 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ، شەكلى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، يۇمشاق، باش قىسمى ھەرىكەتچان، بىر قەدەر چوڭ بولغان مۇرەككەپ كۆزى بار، سەزگۈر مۈڭگۈزچىسى قىسقا ھەم يىرىك تۈكلۈك.

  لەيلىگەكنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇشى توغرىسىدىكى قاراشلار ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس. لەيلىگەكنىڭ ئۆمرى تۇخۇم، لىچىنكا، چالا يېتىلگەن قۇرت ۋە يېتىلگەن ھاشاراتتىن ئىبارەت تۆت مەزگىلنى باشتىن كەچۈرىدۇ، لەيلىگەك جۈپلەشكەندىن كېيىن، سۇغا تۇخۇملايدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن لىچىنكىلىرى تۇخۇمدىن چىقىدۇ. لەيلىگەكنىڭ لىچىنكا مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن، نەچچە ئاي ياكى بىر يىلدىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئۇزۇنلىرى ئۈچ يىل ئۈچەككە كىرىدۇ. لەيلىگەك لىچىنكىسى يىلبويى سۇ ئاستىدا، ئاساسلىقى تاتلىق سۇلۇق كۆل ياكى ئېقىنلاردا ياشايدۇ، ئاساسلىقى سۇدىكى ئوت- چۆپلەر، يۈسۈنلەر ۋە پاشا لىچىنكىسى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. شۇڭا، مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لەيلىگەك يەنە تېخى بىر خىل پايدىلىق ھاشارات.

  لىچىنكا مەزگىلىدە، لەيلىگەك 20 نەچچە قېتىملىق قاسراق تاشلاشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا چوڭىيىدۇ، بۇ جەرياندا بىر روشەن چالا يېتىلگەن قۇرت مەزگىلى بولىدۇ. لەيلىگەكنىڭ لىچىنكىسى ئۆسۈپ يېرىم يېتىلىش مەزگىلىگە كىرگەندە، كۆكرەك قىسمىسى بىلەن دۈمبىسىدە تەرەققىي قىلغان قانات ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ پۇتى، قۇيرۇق چۇپۇرى قاتارلىقلار تېخى مۇكەممەل يېتىلىپ بولالمىغان بولىدۇ، شۇڭا، چالا يېتىلگەن قۇرت دەپ ئاتىلىدۇ. چالا يېتىلگەن قۇرت سۇدىن چىققاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئۆسۈملۈك ياكى تاشلارغا يېپىشىۋالىدۇ، يەنە تەخمىنەن 24 سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قاسراق تاشلاشنى تاماملاپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېتىلگەن ھاشاراتقا ئايلىنىدۇ.

  يېتىلگەن لەيلىگەكنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، قىسقا بولغاندا نەچچە سائەت، ئۇزۇن بولغاندا بىر- ئىككى كۈن، ئاز بىر قىسىملىرىنىڭ ئۆمرى 10 كۈندىن ئاشىدۇ. لەيلىگەك يېتىلگەن ھاشاراتقا ئايلانسىلا، ئۇنىڭ ئېغىز ئەزاسى چېكىنىپ، ئوزۇقلىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يېتىلگەن ھاشارات مەزگىلىدىكى لەيلىگەك ھېچنىمە يەپ- ئىچمەي، ئىلگىرى بەدىنىدە توپلىغان ئېنېرگىيەگە تايىنىپ ھاياتىنى قامدايدۇ، شۇڭا، لەيلىگەكنىڭ ھايات تۇرۇش ۋاقتى قىسقىراپ كېتىدۇ.

  لەيلىگەكنىڭ ئۆمرى گەرچە ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنچىلىك قىسقىمۇ ئەمەس.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ