تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتايلى

− 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  «كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؛ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ».

  3- ئاينىڭ 15- كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن خەلققە ۋاكالىتەن سۆزلەپ، مەسئۇلىيىتىنى بەجانىدىل ئادا قىلىپ، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلغان ۋەكىللەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

  بۇ قېتىمقى يىغىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىن ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى. يىغىن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا تۈرلۈك مۇھىم دوكلاتلارنى قاراپ چىقتى ھەم تەستىقلىدى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى نامايان قىلىنغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى نامايان قىلىنغان بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىدىغان، ئىسلاھ قىلىنغان، يېڭىلىق يارىتىلغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. يىغىن چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن بولۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، قاراپ چىقتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىدى، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

  «تاغۇ دەريادا قېلىپتۇ يادىكار، سەيرگە چىقتۇق يىراقتىن يادلىشىپ.» بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتنى يېڭىپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، تېخىمۇ شەرەپلىك بۇرچ بىزنىڭ زىممىگە ئېلىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ، تېخىمۇ ئۇلۇغ مۆجىزە بىزنىڭ يارىتىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، بىز ئىلگىرىلىگەنسېرى قىيىنلىشىدىغان، ئىلگىرىلىگەنسېرى خەتەرگە يولۇقىدىغان، ھالبۇكى ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىدىغان، قەتئىي ئىلگىرىلىمىسەك بولمايدىغان ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىمىز. قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا تۇرغانسېرى، بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى تېخىمۇ چوڭ مۆجىزىلىرىنى يارىتىشقا، دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى تېخىمۇ چوڭ مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا شۇنچە موھتاج.

  خەلق جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى، خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئاساسى. ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، جۇڭگو خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىپ، مۇمكىنسىزلىكنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ تارىخىي داستانىنى پۈتتى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «بارلىق مۇۋەپپەقىيەت خەلققە مەنسۇپ، بارلىق شان - شەرەپ خەلققە مەنسۇپ». يېڭى مۇساپىدە، قانچىلىك بوران - چاپقۇن، ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جەزمەن خەلققە زىچ تايىنىشىمىز كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى ھۆرمەتلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا كونكرېت، رېئال ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلساقلا، بىز 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ۋە قوزغاپ، بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا ئىلگىرىلىتەلەيمىز.

  تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگودا، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا، ھەم تىنچ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا. ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولغان خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم. يېڭى مۇساپىدە، داۋاملىق خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرساقلا، بىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

  تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، ياماشساقلا ھامىنى چوققىسىغا چىقالايمىز؛ يول ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، ماڭساقلا ھامان مەنزىلگە يېتەلەيمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىشەنچ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان جاسارەت، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان كۈچلۈك ئىرادە بىلەن، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، سەپەرداش، يۆنىلىشداش بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى