ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى يالغۇز ئۆرۈك كەنتى −
ياڭاق بېيىتىش مېۋىسىگە ئايلاندى بەختلىك تۇرمۇش «باغ»دىن كەلدى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك، ئاشلىق، پاختا، مېۋىچىلىك، ئوتلاقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېھقان ئائىلىسىنى قاپلىشى كېرەك، دېھقان - چارۋىچىلارغا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە بازار تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ، دېھقانلارنىڭ تاپاۋىتىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. يىپەك، گىلەم، خوتەن قاشتېشىنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات يۆنىلىشى بولۇپ، چوقۇم ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. ھۈنىرى بولسىلا، ھەممىلا جايدا ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ، بىر كەنتتە بىر كەسىپ بولسا، بىر يېزىدا بىر كوزىر مەھسۇلات بولسا، دېھقانلار بۇنىڭدىن جەزمەن نەپ ئالالايدۇ.
− شى جىنپىڭ
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى يالغۇز ئۆرۈك كەنتىنى ئايلانسىڭىز، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېتىزلاردا قاتار رەتلىك ئۆسكەن مېۋىلىك دەرەخلەرنى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئېتىزدا ئەتىيازلىق ئوغۇت دۆۋىلەش بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. باش باھاردا، مۇخبىر ھەربىر تۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىنغانلىقىنى كۆردى − مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ يىلتىز قىسمى نېپىز سولياۋ بىلەن يېپىلغان، دەرەخ غولىغا زىيانداش ھاشاراتتىن ساقلىنىش پىلاستىرى ئورالغان، ئورگانىك ئوغۇتلار ئېتىزلارغا دۆۋىلەنگەن بولۇپ، كەنتتە ھاياتىي كۈچكە تولغان قايناق مەنزىرە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
«بىز باشتىن - ئاخىر باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر كەنتتە بىر كەسىپ بولۇش تەلىپى بويىچە، ياڭاقچىلىق كەسپىنى مەركەزلىك راۋاجلاندۇردۇق. ھازىر بىزنىڭ كەنت ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش كەنتىگە ئايلاندى، كۆلەم ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇلتۇر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى %60تىن ئارتۇق كىرىم باغ - ئورمانچىلىقتىن كەلگەن» دېدى بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتئېلى ئابلىمىت.
■ كەنت ئاھالىلىرى بىر كەنتتە بىر كەسىپ بولۇشتىن مەنپەئەتلەندى
«كەنتتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ياڭاق ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى»
2- ئاينىڭ 16- كۈنى، مۇخبىر سەمەت ئىبراھىمنى ئۇچراتقاندا، كەنتتىكى بۇ تونۇلغان ياڭاق ئۇلاش ماھىرى ھويلىسىنى تازىلاۋاتاتتى.
«كېلەر ھەپتە ياڭاق شاخلىرىنى پۇتاش ۋە ئوغۇتلاش باشلىنىدۇ، بۇ، ياڭاق ھوسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش» دېدى سەمەت. ياڭاق دەرىخىنى پەرۋىش قىلىشتا، قانداق چاغدا پۇتاش، قانداق چاغدا ئوغۇتلاش، قانداق چاغدا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش سەمەتكە بەش قولدەك ئايان ئىدى.
سەمەتنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈشكە بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇنىڭ 2011- يىلى ئونسۇ ناھىيەسىگە ئېكسكۇرسىيەگە بارغان چاغدىكى چوڭقۇر تەسىراتى سەۋەب بولغان. «گەرچە ياڭاق دەرىخى چۆلگە تىكىلگەن بولسىمۇ، ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپتۇ. كەنت ئاھالىسىدىن سورىۋېدىم، ئۇلار بىر مو ياڭاقلىقتىن 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنىڭدىن بەك ھەيران قالدىم!»دېدى سەمەت. يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان سەمەت كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆڭلىدە تېخنىكىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ياڭاقلىرىدىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى ھوسۇل ئېلىش ئىرادىسىگە كەلدى.
ھازىر سەمەت سەككىز مو يەرگە ياڭاق تىكتى، بۇلتۇر ياڭاق ئۆستۈرۈشتىنلا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ئۇنىڭ يەنە مېۋىلىك دەرەخ ئۇلاش تېخنىكىسى كەنت بويىچە ئەڭ ياخشى بولۇپ، داڭقى ھەتتا باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا تارالغان، ھەر يىلى مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىلىرى ئۇنى مېۋىلىك دەرەخلىرىنى ئۇلاشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئۇ مۇشۇ ھۈنىرىگە تايىنىپلا بىر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.
سەمەت 2017- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ھازىرقى كۈنلەر تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي «ياخشى» دەپ كەتتى. «ئىلگىرى ئاشلىق تېرىسام، بىر مو يەردىن ئارانلا نەچچە يۈز يۈەن كىرىم قىلاتتىم، ھازىر ياڭاق ئۆستۈرۈپ بىر مو يەردىن نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن. كەنتتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ياڭاق ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى» دېدى سەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ.
كىرىم كۆپەيگەندىكى خۇشاللىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقىنى بارغانسېرى ئاشۇردى. پۈتۈن كەنتتە جەمئىي 5058 مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، نەچچە يىل مابەينىدە كەنتنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2000 نەچچە مودىن ھازىرقى 3023 موغا كۆپەيدى.
بۈگۈنكى كۈندە، 60 ياشتىن ئاشقان سەمەت ئىشى بولمىسىلا كەنتتە ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىردى، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان يەسلىدىن جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ساداسى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن سەمەت تولىمۇ مەمنۇن بولدى.
■ باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى
«ياڭاق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى 100 نومۇر بولسا، 90 نومۇر ئالالايمەن»
2- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاقتوقاي يېزىسى خاس باغ - ئورمانچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى ۋە باغ - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش ئېتىز بېشى مەكتىپىنىڭ ۋىۋىسكىسى تىكلەنگەن ياڭاقلىققا ئادەملەر توپلاشقانىدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ھال رەڭ پەلتو كىيگەن ئايال تېخنىكنى چۆرىدەپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاۋاتاتتى.
«ھازىر دەرەختىكى ھاشارات قورچىقىنى ئېلىۋەتسەك، 6-، 7- ئايلارغا بارغاندا زىيانداش ھاشارات يوقىتىش دورىسىنى چاچمىساقمۇ بولىدۇ» خالىدەم موللى بىر تەرەپتىن، ھاشارات قورچىقىنى ئېلىۋەتكەچ، بىرتەرەپتىن، كەنت ئاھالىلىرىگە شۇنداق دېدى. ئۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ ئورمانچىلىق تېخنىك خادىمى، ھەر ئايدا دېگۈدەك كەنتكە كېلىپ كەنت ئاھالىسىگە نەق مەيداندا تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشتىن تارتىپ ئېتىز پەرۋىشىگىچە، ھەممىسىنى تەپسىلىي ئۆگىتىدۇ.
تۇرسۇن ھەسەن خالىدەمنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى، يەنە ھاشارات قورچىقىنى تەپسىلىي كۆزەتتى. تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ يەتتە مو يېرى بار، ئىلگىرى ئۆرۈك دەرىخى تىككەنىدى. ئۇ كەنتتىكى ياڭاق ئۆستۈرگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قېرى ئۆرۈك دەرەخلىرىنى قومۇرىۋېتىپ، ئۈچ مو يەرگە ياڭاق تىكتى.
2017- يىلى، تۇرسۇن ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىشتا ياڭاقنىڭ شاخلىرىنى چاتىغاندا، ئۇقۇشماي غول شاخنى خاتا كېسىۋەتكەنلىكتىن، نۇرغۇن ياڭاق كۆچىتى ئۈششۈپ قالدى.
تۇرسۇن ئىلگىرىكى ئاچچىق ساۋاقنى ئەسكە ئالغىنىدا، تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلمىي باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، بارغانلا يېرىدە ئۇستاز تۇتۇشقا باشلىدى، تېخنىك خادىملار كېلىپ دەرس ئۆتسىلا، ئۇ چوقۇم بالدۇر بېرىپ دەرس ئاڭلايتتى. ھازىر تۇرسۇن ياڭاق دەرەخلىرىنى چاتاش، ئۇلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى پىششىق ئىگىلەپ بولدى، يەنە تېخى كەنتتىكى باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىگە كىردى.
باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى 2018- يىلى 10- ئايدا قۇرۇلغان. يالغۇزئۆرۈك كەنتىنىڭ ياڭاقچىلىق كەسپى راۋاجلىنىپ جانلاندى، تېخنىكا ماھىرلىرى كۆپەيدى. باشقا كەنتتىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى تېخنىكىدا قىيىن مەسىلىگە ئۇچرىسا، بۇ يەرگە كېلىپ تەلىم ئېلىشنى ياقتۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تېخنىكىسى ياخشى 20 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى تاللاپ، باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىدى، ئەترەت ئەزالىرى كەنتتە خىزمەت قىلغاندىن سىرت، يەنە باشقا كەنتلەرنىمۇ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەربىر كىشى ھەر ئايدا 800 يۈەندىن 1200 يۈەنگىچە مائاش ئالدى.
«ھازىر، ياڭاق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى 100 نومۇر بولسا، 90 نومۇر ئالالايمەن» دېدى تۇرسۇن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.
«بۇلتۇر ياڭاق ئۆستۈرۈپ ئون نەچچە مىڭ يۈەنلا كىرىم قىلغانىدىم، بۇ يىل تېخنىكا خادىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازاردا ئالقىشقا ئېرىشكەن يېڭى سورتلارنى ئۇلاش ئارقىلىق ياخشى پايدىغا ئېرىشىشكە تىرىشىمەن» دېدى تۇرسۇن.
■ مول نەتىجە «ئالتۇن سۇمۇرغ»نى باشلاپ كەلدى
«ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسى قۇرۇلسا، كەنتىمىزدىكى ياڭاقلارنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئۆسىدۇ»
ئابلىكىم ئابلىمىت كەنتتكى قابىللاردىن بولۇپ، ئۆزى ياڭاق ئۆستۈرۈپلا قالماي، 2012- يىلى يەنە باشلامچىلىق بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى دىيانەيتى باغ - ئورمان تېرىقچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى.
ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى 100 مو يەرگە ئۆرۈك، 100 مو يەرگە ياڭاق تىكتى، يەنە قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە مو كېلىدىغان پىششىقلاش زاۋۇت ئۆيىگە ئىگە بولدى. بۇلتۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەنتتىكى %85 ياڭاقنى سېتىۋېلىپ، شاڭخەي، خۇنەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېتىپ چىقاردى.
«ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىۋاسىتە كەنتىمىزگە كېلىپ ياڭاق سېتىۋالدى» دېدى ئابلىكىم. بۇلتۇر، ھەمكارلىق كوپىراتىپى سېتىۋالغان ياڭاقلار بالدۇرلا پاك - پاكىز سېتىلىپ بولغانىدى.
ياخشى سېتىش يولى بولغاچقا كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەميىنى تومپايدى. ئابلىكىم ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتتە ئونچە ئائىلىنىڭلا موتوسىكلىتى بار ئىدى. ھازىر، ياڭاق ئۆستۈرۈپ كىرىم ئاشۇرۇلغانلىقتىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ موتوسىكلىتى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى %30تىن ئارتۇق ئائىلىدە پىكاپ بار بولدى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.
لېكىن ئابلىكىمدە يېڭى تەشۋىش پەيدا بولدى. مۇشۇ يىللاردا، ياڭاقنىڭ باھاسى مۇقىم بولماي، ھېلى ئۆرلەپ، ھېلى چۈشتى، ئابلىكىم كەنتتىكى ياڭاق، ئۆرۈكلەرنى ئىنچىكە پىششىقلاش توغرىسىدا ئويلاندى، بۇنداق بولغاندا، بىرىنچىدىن بازار رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتكىلى، ئىككىنچىدىن مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولاتتى.
بۇ ۋاقىتتا، ناھىيەدىن ياخشى خەۋەر تارقالدى: جېجياڭدىكى بىر كارخانا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ئاقسۇ جىنشاۋ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى قۇردى. بۇ تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 430 مىليون يۈەن بولۇپ، يىلىغا تەخمىنەن 10 مىڭ توننا ياڭاق، 2000 توننا نوقۇت پىششىقلايدىكەن، يەنە ياڭاق ئىلغاش، ياڭاق مېغىزىنى پىرېسلاش، ياڭاق مېيىنى ئايرىش، قۇرۇق - ھۆل مېۋىنى ئوراپ - قاچىلاش، مېۋىنى سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق 15 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلىدىكەن. بۇ خەۋەر يالغۇزئۆرۈك كەنتىدىكى باغۋەنلەرنى ناھايىتى خۇش قىلىۋەتتى.
«باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىن ئىزچىل غەم قىلىپ كەلگەنىدۇق، ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسى قۇرۇلسا، كەنتىمىزدىكى ياڭاقلارنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئۆسىدۇ، بۇ كارخانىنىڭ بالدۇرراق قۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئابلىكىم.