تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

  (2019-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، پائال تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەقىل كۆرسەتتى.

  3- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 17گىچە، جەمئىي 5113 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدۇق. «تەكلىپ خىزمىتى نىزامى» ۋە «تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسى»گە ئاساسەن، ئەستايىدىل تەكشۈردۇق. تەكشۈرۈش ئارقىلىق رويخەتكە ئېلىنغىنى 3859 پارچە، قوشۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىنى 133 پارچە، پىكىر ۋە تەۋسىيەگە ئۆزگەرتىلگىنى 1121 پارچە بولدى. رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار سۇنغان تەكلىپ 3499 پارچە بولۇپ، %90.67نى ئىگىلەيدۇ؛ كوللېكتىپ سۇنۇلغان تەكلىپ 360 پارچە بولۇپ، %9.33نى ئىگىلەيدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، ئەزالارنىڭ تەكلىپ سۈپىتى ئېڭى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، تەكلىپ تاپشۇرۇشتا تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ، تېما تاللاشنى تېخىمۇ مەركەز قىلىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلدى، تېخىمۇ كونكرېت تەۋسىيەلەرنى بېرىپ، تەكلىپ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ئەقىل كۆرسىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى نامايان قىلىندى.

  رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى تەكلىپ 1484 پارچە بولۇپ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %38.46ىنى ئىگىلەيدۇ؛ سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى تەكلىپ 308 پارچە بولۇپ، %7.98نى ئىگىلەيدۇ؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپ 266 پارچە بولۇپ، %6.89نى ئىگىلەيدۇ؛ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپ 1336 پارچە بولۇپ، %34.62نى ئىگىلەيدۇ؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپ 350 پارچە بولۇپ، %9.07نى ئىگىلەيدۇ؛ باشقا تەكلىپلەر 115 پارچە بولۇپ، %2.98نى ئىگىلەيدۇ. ئىنكاس بىرقەدەر مەركەزلەشكەن تەۋسىيەلەر:

  بىرىنچىدىن، ئۈچ چوڭ جەڭنى ئىزچىل ياخشى قىلىش جەھەتتە، ئاساسلىقى تۆۋەن چەكتىكى تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ نورمالسىز داۋالغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىققا قايتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش؛ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بۈيۈك مەلۇمات مەركىزى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىش تور قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قاتارلىقلار .

  ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش جەھەتتە، ئاساسلىقى يېقىنلىق ۋە پاكلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش؛ «مۇقىم سېلىنما»نى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىلىم - پەندە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا - يېڭى قۇۋۋەتلەرنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش؛ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش؛ گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىقلار.

  ئۈچىنچىدىن، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە، ئاساسلىقى قانۇن چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى قانۇنچىللىق يولىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ۋە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزىتىپ، «ھۆججەت - يىغىنلار كۆپ بولۇش» ئەھۋاللىرىنى تۈزەش؛ يېڭى دەۋر خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىقلار.

  تۆتىنچىدىن، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە، ئاساسلىقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قىزىل مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ۋە ئىشلىتىلىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش؛ مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ تەنتەربىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش، پۈتكۈل خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار.

  بەشىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلى مائارىپى تەمىناتىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق كېڭەيتىش؛ راكقا قارشى دورا قاتارلىق جاننى جىددىي قۇتقۇزىدىغان ياخشى دورىلارنى داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن باشقا جايلاردا كېسەل كۆرسەتكەندە دەرھال راسچوت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىرلىشىشىنى»نى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاھالىلەرنىڭ مەھەللىدە تۈزەش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق تۈزەش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار.

  ئالتىنچىدىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، ئاساسلىقى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز رايونلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پاكىز ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى «سىلىق ئىزىغا چۈشۈرۈش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىنى كېڭەيتىپ، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئاكتىپ - پاسسىپ جەدۋىلىنى تۈزۈش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ «قان ياساش شەكلى»دىكى ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇھىت ئىقتىسادى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلار.

  يەتتىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چياۋمىن ئىشلىرى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەۋسىيەلەر بېرىلدى.

  يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، تەكلىپلەرنى بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز. نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى كېڭىشىپ تاللاپ چىقىمىز ھەم رەئىسلەر يىغىنىدا تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز.

  بۇ قېتىملىق يىغىندا تەكلىپ بېرىش توختىتىلغان كۈندىن كېيىن تاپشۇرۇۋالغان تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئالغاندىن كېيىن، ئادەتتە تاپشۇرۇلغان تەكلىپ سۈپىتىدە تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى