تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

  (2019-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 2019-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھالقىلىق يىلدا تۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە چاقىرىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا ھەمدە گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. يىغىن رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى، مۇئاۋىن رەئىس سۇ خۇينىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى. ئەزالار 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنىڭ لايىھەسىنى ھەمدە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى مۇزاكىرە قىلدى، يۇقىرىقى دوكلاتلار ۋە ھۆججەتلەرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە تەكلىپ-پىكىر بەردى. بارلىق ئەزالار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چارە - ئەقىل كۆرسىتىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. يىغىن ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك، ياخشى كەيپىياتتا تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى.

  يىغىن مۇنداق قارىدى: 2018- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تولىمۇ ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. چىگىش ۋە مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل ۋە ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلىدى. سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى نىشانلاپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىشكە ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە كۈچەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى.

  يىغىن مۇنداق قارىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، دەۋر رىتىمىنى ئىگىلەش، دەۋرنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەم تاشلاش، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق كەيپىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ روھنى تاۋلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشتە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىن ئەتتى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى، ئۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك غايە ئىنتىلىشى ۋە چوڭقۇر يۇرت - ۋەتەن مۇھەببىتى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، تىرىشىپ يېڭى نەتىجە قازىنىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، دۆلەتكە، مىللەتكە، خەلققە ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. يېڭى تارىخىي پەللىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى مەنتىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تىرەك بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يول، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش داۋامىدا پارلاق يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  يىغىن مۇنداق قارىدى، 2019- يىلى پۇرسەت بىلەن خىرىس مۇقەررەر ھالدا گىرەلىشىپ كېلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم. ئەزالار بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى زور مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەستايىدىل كېڭىشىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر - تەكلىپ بەردى ھەمدە مۇنداق قارىدى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»قا كۈچەپ، باجنى كېمەيتىش - ھەقنى ئازايتىش ئىسلاھاتىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا پايدىلىق بولغان ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى يارىتىش، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. رايونلار ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇۋېتىش لازىم. دۆلەت كاپىتالى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاش لازىم. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش لازىم. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئەزالار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ھەققىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھىمايە قىلىپ، مۇنداق قارىدى، ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزەپ، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ۋە تىرىشچان - ئىقتىسادچىل بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. مەملىكەت بويىچە سىياسىي كېڭەش سىستېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي ئورتاق گەۋدە ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان تەلىپىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى شەرت.

  يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى، بۇ يىل خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىللىق ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى − جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. يېڭى دەۋر شارائىتىدا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتىكى باش پروگرامما قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىنى ئوبدان ئىگىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئورۇن ۋە يېڭى بۇرچ قىلىشىمىز، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەشنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىشكە ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە كۈچەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز لازىم.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەش − خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۈستىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە مۇھىم خىزمەتلەر ھەققىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كېڭىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، مۈجمەللىكنى تۈگىتىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، غەيرەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم. سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش تۈزۈمى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنى يۈرۈشتۈرۈش شەكىللىرىنى بېيىتىپ، ھەق گەپ قىلىدىغان، راست گەپ قىلىدىغان، كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىدىغان ياخشى مۇھىتنى يارىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ يوشۇرۇن ئامىللىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، تەدبىر كۆرۈش توغرىسىدا ئۈنۈملۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش جەريانىنى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان، ھاللىق جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدىغان جەريانغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نازارەتچىلىكنى كېڭىشىشكە سىڭدۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ئەل قەلبى − ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئورتاق تونۇش − جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش تەشكىلاتى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەلبنى ۋە كۈچ - قۇۋۋەتنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملىشىمىز لازىم. دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتە فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن پائال شارائىت يارىتىشىمىز، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز لازىم. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاش، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ - ئاۋمېندىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92- يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەيۋەن ئارىلىدىكى ئالاقىدار پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. تاشقى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى − سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۇبيېكتى. سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، پەزىلەتنى ئەلا بىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئەزالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە فۇنكسىيە ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش لازىم. كەڭ ئەزالار خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ياخشى قاتناشچىلىرىدىن، ئەمەلىيەتچىلىرىدىن، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر جەھەتتە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىم.

  يىغىن مۇنداق چاقىردى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى قاتناشقۇچى ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ