تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

− سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىدا بېرىلگەن

  (2019- يىل 3- ئاينىڭ 3- كۈنى)

  ۋاڭ ياڭ

  ئەزالار:

  مەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

  1. 2018- يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

  2018- يىلى− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتى باشلانغان يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىش بويىچە كۈچەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى قىياپىتى ۋە يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدۇق.

  بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دېگەن بۇ تەنتەنىلىك نامنى، جۈملىدىن بۇ تۈزۈم يۈكلىگەن بۇرچ ۋە ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئىگىلىدۇق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بەردۇق؛ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم تۈزۈمى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى خەلقنى مەركەز قىلغان ھالدا تولۇق ئادا قىلدۇق؛ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى راستچىل - ئەمەلىيەتچىللىك بىلەن ئۆستۈردۇق. بىز ئاساس سېلىش، كەلگۈسىگە پايدا يەتكۈزۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۈچ تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتتۇق.

  بىرىنچى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، 2018- يىلى 5- ئايدىن 9- ئايغىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 24 مۇئاۋىن رەئىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 31 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي، ئىدىيە، خىزمەت جەھەتلەردە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇلتۇر 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. دائىمىي كومىتېتىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىز تېمىسىدا يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى تۇنجى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى ۋە تېخىمۇ مۇقىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى ۋە يېڭى بۇرچىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردۇق.

  ئىككىنچى، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىدىغان ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم ئاپپارات، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە سەۋىيەسىگە چېتىلىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشتىكى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوش تەشكىلىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش قاتارلىق سەككىز نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى باش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە تۈزۈم - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەت ھازىرلىدۇق.

  ئۈچىنچى، خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدۇق. خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش− يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەلىپى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىش، يېتەرسىز تەرەپلەرنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، سۈپەت يۆنىلىشىنى ئېنىق بېكىتىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ «نېمە ئىش قىلىش»، «قانچىلىك ئىش قىلىش»قا ئەھمىيەت بېرىشتىن «قانچىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش»قا ئەھمىيەت بېرىشكە بۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. تەكلىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، ئادەتتىكى تەكلىپ ۋە كوللېكتىپ تەكلىپنى توپلاش، تەكلىپ بېجىرىشنى كېڭىشىش سالمىقىنى زورايتتۇق. تۈرلۈك كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىدە ئالدىن نىشانلاپ ۋە تاللاپ، داۋاملىق ئىزلاپ مۇھاكىمە قىلىپ، ھەمتۈرتكىلىك ئالماشتۇرۇشقا، كېڭىشىش كەيپىياتى يارىتىشقا، كېڭىشىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردۇق. ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى قۇرۇپ، توردا مۇھاكىمە قىلىش، يىراقتىن كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەزالارنىڭ زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق. سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە سىرتىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار، مۇتەخەسسىس - ئالىملار بىلەن تار دائىرىدە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، سەمىمىي سىردىشىپ ئۇيۇشقاقلىقنى ئاشۇردۇق. ئەزالار دەرسخانىسى ۋە ئەزالار مۇھىم مەخسۇس خىزمەت لېكسىيە ئۆمىكى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ سىياسەت تەشۋىق قىلدۇق، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتتۇق. كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ئەقىل كۆرسىتىش سۈپىتىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش تۈزۈمى ھەققىدە ھۆججەت چىقاردۇق.

  بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېتىمىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى چىڭ ئىگىلىگەن ھالدا فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

  (1) نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيى ھەم 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلاردا قىلغان سۆزىنى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنى ئۆگىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمى، رەئىسلەر يىغىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش تۈزۈمى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پارتگۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى يېتەكچى قىلىنغان ئۆگىنىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشىنىڭ دائىملىشىشى ۋە تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، بولۇپمۇ يېڭىدىن سايلانغان ئەزالارنىڭ ئۆگىنىشىنى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن سايلانغان 500 نەچچە ئەزانى تۇنجى تۈركۈمدە مەخسۇس تېما بويىچە تەربىيەلىدۇق، بۇ بىر يىلدا 9200دىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرىنى تەربىيەلىدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «1- ماي شوئارى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىشىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، قول تۇتۇشۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.

  (2) مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچ چىقىرىشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى نامايان قىلدۇق. دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى بىر - بىرىگە سىڭدۈرۈش، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. بىر قېتىم ئومۇمىي يىغىن، ئىككى قېتىم مەخسۇس ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ئىككى قېتىم مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى، 19 قېتىم قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، ئىككى قېتىم توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يىراقتىن مۇھاكىمە قىلىش - كېڭىشىش يىغىنى، بىر قېتىم تور مۇھاكىمە يىغىنى، 18 قېتىم نىشانلىق كېڭىشىش يىغىنى، تۆت قېتىم تەكلىپ بېجىرىشنى كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، دائىملاشقان، كۆپ قاتلاملىق، ھەرقايسى تەرەپلەر كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىدىغان ئەندىزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەكىللەندۈردۇق. كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، قارالمىنى ئىلمىي بېكىتىپ، كېڭىشىش پىلانىنى پۇختا تۈزۈپ، كېڭىشىش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇپ ۋە تەتبىقلاپ، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا تەكلىپلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق كېڭىشىش داۋامىدا كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىش - ئەقىل كۆرسىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. ھەمتۈرتكىلىك كېڭىشىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كېڭىشىش داۋامىدا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقىل كۆرسىتىش، مەدەت بېرىش، نازارەت قىلىشنى كېڭىشىشكە سىڭدۈرۈپ، كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىش جەريانىنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، گۇماننى تۈگىتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش جەريانىغا ۋە ئەھۋال ئۇقۇشۇش، قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلىرى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردۇق.

      (3) مەركىزىي ۋەزىپىنى نىشانلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا كېڭەشتۇق ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، مەركەزلىك كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇشتىكى پائال رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەسىلىسىگە قارىتا، ئەزالارنى 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدۇق، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭغا دائىر تەكلىپلەر توغرىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، ھەر تەرەپلىمە ئەقىل كۆرسەتتۇق؛ يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى، ئېكولوگىيەلىك ئاھالە كۆچۈرۈش، دېڭىز - ئوكيان بايلىقى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، بىر قاتار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشتۇق. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەستايىدىل ئەھۋال ئىگىلەپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېمىسىدا مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، تەكلىپ بەردۇق.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، مۇھىم ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سۈنئىي ئەقىل، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ھەمبەھرە ئىقتىساد قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدۇق، ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تېمىسىدا مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئاچتۇق. پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشانلاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش، بازار ئىجازىتىنى بوشىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش ھەققىدە داۋاملىق ئەقىل كۆرسىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولدۇق. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ۋە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ئۆزگىچە بازارچە قۇرۇلۇشى، يېزا كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى ھەققىدە نىشانلىق كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى راۋاجلاندۇرۇش، شەرقىي شىمال رايونىنى گۈللەندۈرۈش، خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، دابيېشەن تېغىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ۋە ئەقىل كۆرسىتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ماكرو ئىگىلىك ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى پەسىلدە بىر ئېچىپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى قەرەللىك مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئەمەلىيەتچىللىك بىلەن پىكىر - تەكلىپ بەردۇق.

  (4) خەلق ئۈچۈن فۇنكسىيە ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق. جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردۇق. مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشنى نىشانلاپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكى ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئىككىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش» قۇرۇلۇشى، پۇقراۋى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەقىل كۆرسىتىپ ۋە كۈچ چىقىرىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنىڭ ئوبدان يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ، ئوتتۇرا - ئۇزاق مەزگىللىك نوپۇس ئۆزگىرىشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، دۆلەتنىڭ دېڭىز - ئوكيان قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يېڭى يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا چوڭقۇر كېڭىشىپ، پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تور مۇھاپىزەت نىزامى، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامىنى تۈزۈش - تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ، ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقاردۇق. سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھەر - بازارلىرىنى قوغداش، چوڭ خارابىلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، چوڭ قانال مەدەنىيەت بەلبېغى قۇرۇلۇشى، خەتتاتلىق تەربىيەسى، ئەلنەغمىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق. ئەزالارنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق ھال سوراش ۋە پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە تەشكىللىدۇق. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق.

  (5) بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە بۈيۈك بىرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملىدۇق. پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدىكى ئورتاق ئىشلارغا قاتنىشىش ئەھۋالىغا دائىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلدۇق، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى بىلەن دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتلىرى كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پىكىر - تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدۇق. ئاز سانلىق مىللەت ساھەسى ۋە دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ مەخسۇس ئۆگىنىش - تەكشۈرۈش پائالىيىتى، ساھە بويىچە كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ساھە بويىچە جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، چېگرا رايون ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇشى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ياتاقلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، تىبەت بۇددا دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭ - ئاۋمېندىكى ھەر ساھەنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى بەش ئۆلكە - شەھەرگە بېرىپ تەشۋىق قىلدۇق، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ئەزالارنى ئىچكى جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، شياڭگاڭ - ئاۋمېندىكى ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېلىپ كۆرۈش - ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىپ، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»گە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇردۇق. ئىككى قىرغاق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشكە تۇنجى قېتىم قاتنىشىپ، «ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد - مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نىڭ ئىزچىللىشىش ۋە ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، ئىككى قىرغاق ياشلىرى ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، تەيۋەن ئارىلىدىكى ئالاقىدار پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، زاتلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇردۇق. چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرىنى سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ دۆلەتنىڭ چەت ئەللەردىكى مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسەتتۇق.

  (6) تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشقا كۈچ چىقاردۇق. دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەللەردىكى ئالاقىدار ئاپپاراتلار، سىياسىي تەشكىلاتلار، تاراتقۇلار، ئاقىللار ئامبارلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. تاشقى ئالاقىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋرگە قەھرىمانە قەدەم تاشلىشى، يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە دائىر ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلدۇق ۋە تونۇشتۇردۇق. چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى سىياسىي كېڭەشكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈپ، 41 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تېمىسىدا جۇڭگو - ئافرىقا ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي كېڭىشى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى قۇردۇق. مەخسۇس كومىتېتلارنى تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدۇق ھەمدە چېگرا سىرتى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رايونى، خەلقئارا قۇرۇقلۇق - دېڭىز سودىسى يېڭى يولى، جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. جۇڭگو ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە 16- قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى، جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئاسىيا دىن ساھەسى تىنچلىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قوللىدۇق. خەلقئارا ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئەزالارنى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىگە ۋاقتىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، پائال ئەقىل كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداشتىكى ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىنى نامايان قىلدۇق.

  (7) خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق ھەقىقىي كۈچەيتتۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنى يېڭىدىن تەسىس قىلدۇق. رەئىسلەر يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمى ۋە رەئىسلەر يىغىنى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ مەخسۇس كومىتېتلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، مەخسۇس كومىتېت مۇدىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس كومىتېتلاردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارماق پارتگۇرۇپپىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كومىتېتنىڭ ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق. ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتتۇق، مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ ساھەلەر ۋە ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت چارىسىنى تۈزۈپ، رەئىسلەر يىغىنى تەركىبىدىكىلەر يەرلىككە بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا، شۇ جايدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش - يوقلاش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتۇق، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمەت قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئارخىپى تۈزۈمى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش دوكلاتى تاپشۇرۇش تۈزۈمى ئورناتتۇق، 298 دائىمىي كومىتېت ئەزاسى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش دوكلاتىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇردى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيەلىك دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش، ئەقىل كۆرسىتىش ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم باھالىدى، ئەزالارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تۈركۈم بويىچە سىرتتىن قاتناشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈم - مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، بارلىق ئەزالارنىڭ «يىللىق تاپشۇرۇق»نى ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، «يىللىق ئەزا» ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتتۇق. قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ نەپەر مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ سالاھىيىتىنى نىزامنامىگە ئاساسەن ئېلىپ تاشلىدۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش خىزمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، كۆزنەك نۇقتا مەسىلىلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن ھالدا جەمئىيەت ئەھۋالى - خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ ۋە يوللاپ، يىغىندا سۆزگە چىقىش ماتېرىيالىنى كېڭىشىپ تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيانقى خاتىرىلەر ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخ ماتېرىياللىرىنى تۇنجى قېتىم ئۈن - سىن شەكلىدە توپلاپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇردۇق، مۇھىم يىغىن، چوڭ - چوڭ پائالىيەت ۋە ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىش سالمىقىنى زورايتتۇق. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلغان ھالدا سىياسىي كېڭەش ئورگان قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، مۇھىم خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىي چېنىقىشنى كۈچەيتتۇق، ئىچكى كۆزىتىش ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، «تۆت خاھىش»قا داۋاملىق قارشى تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۈلگىلىك ئورگان بەرپا قىلدۇق. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللىدۇق. يەرلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلىرى سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەملىكەتلىك يەرلىك سىياسىي كېڭەش باش كاتىپلىرى خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، يەرلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتتۇق.

  ئەزالار، بىر يىلدىن بۇيان قولغا كەلگەن خىزمەت نەتىجىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنىڭ نەتىجىسى، خەلق سىياسىي كېڭىشىگە قاتناشقان ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ ئەزالارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمىتىمىزدە ئاجىز ھالقىلار ۋە يېتەرسىزلىكلەرمۇ مەۋجۇت، بەزى يولداشلارنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرىدىغان تۈزۈم - مېخانىزملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچ چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش - كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا، يەرلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

      2. 2019- يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

  2019- يىلى− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭمۇ 70 يىللىقى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى بېكىتىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى نىشانلاپ، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تەبرىكلەش.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019- يىلى پۇرسەت بىلەن خىرىسنىڭ مۇقەررەر ھالدا گىرەلىشىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كۆرسەتتى. بۇ يىللىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتكە ئېتىبار بېرىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، قىيىنچىلىق ۋە كۈلپەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئىلگىرىلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىمىز شەرت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئومۇملۇقنى ئىگىلەشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىپ، ئۆگىنىشنى قەدىرلەپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ئوق قىلغان ھالدا ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ۋە تېخىمۇ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئورۇن ۋە يېڭى بۇرچ قىلىپ، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  (1) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى يولغا قويۇش چارىسى»دىكى 27 كونكرېت تەدبىرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تونۇش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. مەخسۇس كومىتېتلارنى مەخسۇس ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ئۆگىنىش ۋە سۆھبەت، ئۆزىنى تەربىيەلەش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان پارتىيە سىرتىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈش، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيەگە سىڭدۈرىدىغان سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي نەزەرىيەنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي، ئىدىيە، نەزەرىيە، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشقا يېتەكلەيمىز.

  (2) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز ۋە ئەقىل كۆرسىتىمىز. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك ئەقىل كۆرسىتىش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىمىز. نۇقتىلىق كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئايرىم - ئايرىم دائىمىي كومىتېت مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئاچىمىز؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشى تېمىسىدا ئايرىم - ئايرىم مەخسۇس كېڭىشىشنى قانات يايدۇرىمىز. قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، توردا مۇھاكىمە قىلىش، يىراقتىن كېڭىشىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمبەھرە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، چوڭ قانال مەدەنىيەت بەلبېغى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا كېڭىشىمىز. نازارەتچىلىكنى كېڭىشىشكە سىڭدۈرۈش ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايون سىياسىتى، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا كېڭىشىش نازارەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

  (3) ئىتتىپاقلىق - دوستلۇق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىمىز. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شەھەر مىللەتلەر خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش، مەسچىت - ئىبادەتخانىلارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش - كېڭىشىشنى قانات يايدۇرىمىز. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللايمىز، شياڭگاڭ - ئاۋمېن ياشلىرىنى ئىچكى جايلارغا كېلىپ ئۆگىنىش - ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ - ئاۋمېننىڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردە تەكلىپ بېرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەندىكى قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92- يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تەيۋەن ئارىلىدىكى ئالاقىدار پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە زاتلار بىلەن ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوغۇز مۇنبىرىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە قاتنىشىمىز. چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى كەڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايمىز.

  (4) جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىمىزنى بېغىشلايمىز. يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى دىپلوماتىيە، ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىمىز. سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرى، جۇڭگو ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشى، جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 17- قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى، ئوخشىمىغان دىن ۋە مەدەنىيەتلەر تىنچلىق سۆھبىتى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقە - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەيمىز. ئەزالارنى «بىر بەلباغ، بىر يول» يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چەت ئەللەردىكى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەيمىز. سىرتقا قارىتا جۇڭگو ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  (5) سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتىمىز. كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىش سۈپەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئاقىللار ئامبىرى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلىش ۋە ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىشكە تىرەك بولىمىز. ئالاقە تورى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەزالار مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىراقتىن كېڭىشىش يىغىنى ۋە تور مۇھاكىمە يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى نامايان قىلىمىز. مەخسۇس كومىتېت خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت چىقىرىپ، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىمىز. ساھەلەرنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ساھەلەرنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. ئەزالارغا قارىتىلغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچەش تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇرىمىز. تەكلىپ بېرىش، يىغىندا سۆزگە چىقىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايى ئۇچۇرى قاتارلىق دائىمىي خىزمەتلەرنى ياخشىلايمىز. ئەزالار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تېمىسىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى مەخسۇس باھالاش - خۇلاسىلەش مېخانىزمى ئورنىتىمىز. ئۈلگىلىك ئورگان بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، قاتتىق تەربىيەلەپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق نازارەت قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئورگاننىڭ مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. يەرلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلىرى سۆھبەت يىغىنى ۋە يەرلىك سىياسىي كېڭەش باش كاتىپلىرى خىزمەت يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا يەرلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك يەرلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى چاقىرىپ، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسى خىزمىتىنىڭ ماسلىقىنى ئاشۇرىمىز.

  (6) خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز ھەمدە خىزمەت ۋە نەزەرىيە جەھەتتە تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيمىز. يەرلىك سىياسىي كېڭەش ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنى تەشكىللەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 70 يىللىق تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە ئالاقىدار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدا بەرگەن پىكىر - تەكلىپلىرىنى يەنىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە قوبۇل قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش تېمىسىدا يازما تارىخ ماتېرىياللىرىنى توپلاش، كىتاب نەشر قىلىش، فوتو سۈرەت، ھۆسنخەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىمىز. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ جۇمھۇرىيىتىمىز بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇلۇغۋار مۇساپىسىنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، ھەر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ توختاۋسىز كۈرەش قىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شەرەپ تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى يېڭى تارىخىي پەللىدىن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىمىز.

  3. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئومۇملۇقىنى چۆرىدەپ، كەڭ كۆلەمدە ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇجەسسەملەش

  بۇ يىل − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مۇھىم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىلگە قەدەم قويدى، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ تەخىرسىز ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىسى ئالدىدا، كەسكىن ۋە مۇرەككەپ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئومۇمىيەتكە خىزمەت قىلىپ، ئومۇملۇقنى قوغداپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئەل قەلبىنى، ئورتاق تونۇشنى، ئەقىل - پاراسەتنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشى شەرت. بۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى.

  (1) ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون كىشىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، ئۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە ئاچقۇچلۇق قەدىمى، شۇنداقلا ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە مەسئۇلىيىتى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش − دەۋر، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۈكلىگەن تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە مۇقەددەس بۇرچ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم سىياسىي شەكلى ۋە تەشكىلىي شەكلى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى − بۇ سىياسىي تەشكىلاتنىڭ سۇبيېكتى، شۇڭا سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جەريانىدا كونكرېت ۋە رېئال ئەمەلىيلەشتۈرۈشى شەرت. ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلىنىپ بولدى، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئادا قىلىپ، كۈرەشتە ئېتىقادىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى نىشانلاپ، پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئەقىل - پاراسەت، بىلىم ۋە تېخنىكىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ئىشتىراكچىسى، ئەمەلىيەتچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇشىمىز لازىم.

  (2) مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. دېموكراتىيەنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، دېموكراتىيەنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇش− ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پىكىر توپلاش ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەخسۇس كېڭەش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيىتى، شۇنداقلا خەلق دېموكراتىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم سۇپىسى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلەرنى تۈزۈشى ۋە تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن پىكىر - تەكلىپ بېرىشى − دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرغانلىق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كېڭىشىشتە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىشىمۇ دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرغانلىق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى 34 ساھە ۋە 2100دىن ئارتۇق ئەزا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى نىشانلاپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى ۋە خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلىشىغا ياردەملىشىشى شەرت. قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى نىشانلاپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى پائال ئىنكاس قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ۋە خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشى ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپ بېرىشىمىز كېرەك. كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تەرەپلەرگە قارىتا، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى كېڭىشىشكە سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. «ئومۇميۈزلۈك بولۇش»نى چىڭ تۇتۇپ، دېموكراتىك كېڭىشىشنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىنى قوللىنىپ، توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى مۇجەسسەملەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  (3) ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئورتاق تونۇش ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئورتاق تونۇش − ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان كۈچ، ئىتتىپاقلىق − غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭگۈشتەر. نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ كۆپلۈكى، مەنپەئەت تەلىپىنىڭ مۇرەككەپلىكى مىسلىسىز دەرىجىگە يەتتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بۈيۈك ئىتتىپاقلىق - بۈيۈك بىرلىك تەشكىلاتى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ پەرقلەرنى تۈگىتىپ، بىر قېلىپقا سېلىشقا ئۇرۇنماستىن بىردەكلىكنى ئاشۇرۇپ، يېتەكچىلىكنى يوقاتمىغان ھالدا كۆپ خىللىققا يول قويۇپ، زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ۋە پۇختا ئىشلىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈرەش قىلىش كۈچ مەنبەسى ۋە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ساھەلىرى كۆپ، قاتلاملىرى كۆپ خىل، تەلەپلىرى كۆپ مەنبەلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، بەزى سەزگۈر، خەتەرلىك، مەركەزلىك مەسىلىلەردە ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىمىز لازىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك فۇنكسىيە ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەزالار دەرسخانىسى، مۇھىم مەخسۇس خىزمەت ئەزالار لېكسىيە ئۆمىكى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە سىياسەتنى ئىزاھلاپ ۋە مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىسلاھات - تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى تىرىشىپ ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

  (4) سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلىشىگە قويۇلغان تەلەپ. بىز سىياسىي ئورنىمىزنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلىپىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىرادە، قەدەم ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى خىزمەتنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلىشىمىز لازىم. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا تېمىنى دەل جايىدا تاللاپ، بىرقانچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بازىسىنى بېكىتىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش بىلەن تەتقىقاتنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاددىي تەسىرات سۆزلەش ۋە تومتاق ئىپادە بىلدۈرۈشنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، دەلىل - ئاساسلىق تەكلىپ بېرىپ، ياراملىق تەدبىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك. خىزمەتتىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق چوڭ - چوڭ ۋەزىپىلەرنى نىشانلاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچەشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم.

  ئەزالار! ئىدىيە دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كۈرەش ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. يېڭى تارىخىي ئورۇندىن ئېيتقاندا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق؛ يېڭى بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالسا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نى - نى ئىشلارنى قىلالايدۇ. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى