شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى. 3- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنى زىيارەت قىلغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.
شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى زۇڭلىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىكى ئەينى ئەھۋالنى نەق مەيداندا بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارغا قاراشلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى نەق مەيدان خەۋىرى بېرىدۇ.