تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل يېڭى دەۋرنى ئورتاق يارىتايلى

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  «تاغ - دەريالار ئىللىدى باھاردا شۇنچە چىرايلىق، زەپ تارالدى گۈل - گىياھ ھىدى شۇنچە پۇراقلىق.» باھاردا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  بۇ، بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشقان ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. ئەزالار ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەم باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا تارقىتىلغان ئاكتىپ كۈچ، چىقىرىلغان ياخشى سادا، نامايان قىلىنغان يېڭى نەتىجىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى بىزنىڭ كۈرەش قىلىش كوردىناتىمىز. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، مەيلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدا بولسۇن، ياكى دۇنيا تارىخىدا بولسۇن، بۇ 70 يىل يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغان كۈرەش داستانى بولدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاشقا، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشكە موھتاج. بۇ يىل يەنە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، يېڭى تارىخىي پەللىدە ئىلگىرىلەشتە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىپ ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرىپ، گۈزەل يېڭى دەۋرنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

  ئەلرايى−ئەڭ چوڭ سىياسىي. گۈزەل يېڭى دەۋرنى ئورتاق يارىتىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ چىقايلى. بۈگۈن، دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى، ئالدىمىزغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. ھازىرقى پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچەيگەن، ئادەم يېرىم يولغا بارغاندا ئىلگىرىلەش تېخىمۇ قىيىنلاشقان ۋاقىتتا، ئوخشاش بولمىغان پارتىيە - گۇرۇھ، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان ئېتىقادتىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەيدىغان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى شەكىللەندۈرسەك، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭەلەيمىز. بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى بىرلىكتە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك، بۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  ئورتاق تونۇش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. گۈزەل يېڭى دەۋرنى ئورتاق يارىتىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيلى. «جاھانغا نەزەر سالغاندا ھەممىنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ جاھانغا قۇلاق سالغاندا ھەممىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ؛ جاھاننى قەلبكە پۈككەندە ھەممە ئايدىڭ بولىدۇ». جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋردە، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە نۇرغۇن يېڭى تەلەپ قويدى. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرماقتا، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلمەكتە، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەجرىبىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە. ئىسلاھات - تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ئورتاق ياخشى قىلىش ئۈچۈن، پىكىر بايان قىلىش يولىنى كەڭ ئېچىپ، كەڭ كۆلەمدە پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ئويلىنىشقا، بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئومۇملۇقىنى چۆرىدەپ، كەڭ دائىرىدە ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈچۈن ئەسقاتىدىغان چارە، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدىكى مۇھىم يول ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلارنى كۆپرەك كېڭىشىپ، بار مەسلىھەت ئىش قىلىپ، ئىشلارنى كېڭىشەلەيدىغان بولۇپ، ئەقىل كۆرسىتىش زۆرۈر بولغاندا دەل جايىدا مۇھاكىمە قىلىپ، مۇھىم ھالقىلارنى نازارەت قىلىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاش كېرەك، بۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەۋزەللىكى.

  «ئىرادىلىك كىشىلەر ئۈچۈن يېتىپ بارالمايدىغان مەنزىل يوق، بۆسۈپ ئۆتەلمەيدىغان قورغان يوق.» يېڭى دەۋر، يېڭى ئورۇن، يېڭى بۇرچ ئالدىدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل يېڭى دەۋرنى ئورتاق يارىتىپ، ئورتاق گۈللىنىش يېڭى داستانىنى ئورتاق پۈتەيلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى