تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

تەبىئىي رەڭلىك پاختا دېگەن نېمە؟

  كېۋەز، تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى تۈگمىگۈل ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك. بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ياكى كۆپ يىللىق چاتقال، يەنى سامان غوللۇق كېۋەز ياكى پاختا دەرىخى دەپ ئايرىلىدۇ. ئېلىمىزدە ئۆستۈرۈلۈۋاتقان كېۋەز قۇرۇقلۇق كېۋىزى، ئارال كېۋىزى، ئاسىيا كېۋىزى، سامان غوللۇق كېۋەزدىن ئىبارەت تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. قۇرۇقلۇق كېۋىزى ئىنچىكە تالالىق كېۋەز دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ھوسۇل مىقدارى يۇقىرى، تالاسى بىر قەدەر ئىنچىكە، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك؛ ئارال كېۋىزى ئۇزۇن تالالىق كېۋەز دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بىر خىل ئىنچىكە ئۇزۇن، سىلىق پاقىراق، تالاسىنىڭ چىداملىقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، لېكىن مەھسۇلات مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن؛ ئاسىيا كېۋىزى ئەسلى ھىندىستاندىن چىقىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ئۇزۇن، تېرىلغۇ كۆلىمى ناھايىتى ئاز، ئاساسىي جەھەتتىن ئۇرۇقلۇق قىلىپ ساقلىنىدۇ؛ سامان غوللۇق كېۋەز ئافرىقا كېۋىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھوسۇل مىقدارى ئاسىيا كېۋىزىدىنمۇ تۆۋەن. پاختىنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تۇنجى تەسىرى ئاق رەڭلىك، ئەمما، بۇ تۆت خىل كېۋەزنىڭ ھەممىسىنىڭلا رەڭلىك تالالىقى، يەنى رەڭلىك پاختا سورتى بار.

  رەڭلىك پاختا دېگىنىمىز، پاختا تالاسى مەلۇم تەبىئىي رەڭدە كۆرۈنىدىغان پاختىنى كۆرسىتىدۇ، ھازىر ئاساسلىقى قوڭۇر ۋە يېشىلدىن ئىبارەت ئىككى خىلى بار. تەبىئىي رەڭلىك پاختا بىر خىل يېڭى توقۇلما بۇيۇمى ئەمەس، ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە تېرىلغان ئاسىيا كېۋىزىنىڭ قوڭۇر تالالىق پاختا تۈرى بار بولۇپ، سۆسۈن پاختا دەپمۇ ئاتالغان. تەبىئىي رەڭلىك پاختىنىڭ تالاسى قىسقا ھەم توم، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، رەڭگى تۇتۇق بولۇشتەك كەمچىلىكلىرى بار، كىشىلەرنىڭ رەڭگە بولغان ئېھتىياجى ۋە گۈل بېسىش، بوياش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاق رەڭلىك پاختا رەڭ بويىلىشچانلىقى ياخشى بولۇش سەۋەبلىك تەبىئىي رەڭلىك پاختا بازىرىنى تەدرىجىي ئىگىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر ساغلام ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ماتېرىياللارغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن، تەبىئىي رەڭلىك پاختا قايتىدىن كىشىلەرنىڭ دىققەت- نەزىرىنى تارتتى.

  ھازىرقى تەبىئىي رەڭلىك پاختا شالغۇتلاشتۇرۇش، گېن يۆتكەش قاتارلىق بىئوتېخنىكىلىق يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. نۆۋەتتە گېن خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلدى، ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرنىڭ گېنىنى كېۋەز تۈپىگە كىرگۈزۈۋەتكەندە، تەبىئىي ئۆسۈش جەريانىدا، ھەر خىل ئوچۇق رەڭلەردىكى پاختىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاق رەڭلىك پاختا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەبىئىي رەڭلىك پاختا تېخىمۇ ساغلام ۋە مۇھىت ئاسرايدۇ، چۈنكى ئىشلەپچىقىرىش ياساش ھۈنەر سەنئىتى جەريانىدا بوياش، ئاقارتىش، قاينىتىپ تاۋلاش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى قىسقارتىلىپ، زىيانلىق خىمىيەلىك ماددىلار يوق، بەدەنگە ۋە مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان زىياندىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  تەبىئىي رەڭلىك پاختىنىڭ رەڭ ۋە ماتېرىيالنىڭ خۇسۇسىيىتى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئۇنى توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك ساھەسىدە ئالقىشقا ئېرىشتۈردى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى جەھەتتە بەلگىلىك چەكلىمە مەۋجۇت، مەسىلەن، رەڭگى تەكشى ئەمەس، رەڭلىرىنىڭ تۇراقلىقى ناچار، رەڭگى بىرلا خىل، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، سۈپىتى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ