تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2-يىغىن ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2- يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 176 نەپەر، يىغىنغا قاتناشقانلار 173 نەپەر، قاتنىشالمىغانلار ئۈچ نەپەر، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  3- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 3- ئاينىڭ 6- كۈنى پۈتۈن كۈن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر بىردەك ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تولۇق سىڭدۈرۈلۈپتۇ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنى ھەمدە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ماسلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ دوكلات بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىلغان، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بىر ياخشى دوكلات بوپتۇ، دەپ قارىدى، ۋەكىللەر بۇ دوكلاتنى ئومۇميۈزلۈك قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك قوشۇلدى. قاراپ چىقىش داۋامىدا، ۋەكىللەرمۇ بەزى پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تولۇقلىدى، جەمئىي 83 جاينى تۈزەتتى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە دوكلاتنى تۈزىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شۈ شاۋشى يىغىنغا مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق قارىدى: 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2019- يىللىق پىلان دوكلاتى بىلەن پىلان لايىھەسىدىكى ئاساسلىق نىشان ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاش، 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شى ياۋبىن يىغىنغا مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2018- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق قارىدى: 2018- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2019- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2018- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاش، 2019- يىللىق مەركەزنىڭ خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە 2019- يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەتتىكى قەرز پۇل قالدۇق سومما نورمىسى 13 تىرىليون 308 مىليارد 922 مىليون يۈەننى، مەخسۇس تۈر قەرز پۇل قالدۇق نورمىسى 10 تىرىليون 768 مىليارد 508 مىليون يۈەننى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى.

  يىغىن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئىككى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىنى ماقۇللىدى.

  3- ئاينىڭ 7- كۈنى پۈتۈن كۈن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى پىلان دوكلاتى بىلەن پىلان لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ تەكشۈردى؛ 3- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە 3- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى خامچوت دوكلاتى بىلەن خامچوت لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ تەكشۈردى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى دوكلاتقا ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش پىكرى، دوكلاتنى تۈزىتىش ئەھۋالى ۋە مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىغا ئاساسەن، پىلان دوكلاتى بىلەن خامچوت لايىھەسىنى، خامچوت دوكلاتى بىلەن مەركەزنىڭ خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم پىلان دوكلاتى بىلەن پىلان، خامچوت دوكلاتى بىلەن خامچوت توغرىسىدىكى ئىككى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 2018- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  3- ئاينىڭ 10- كۈنى پۈتۈن كۈن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى، لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي بەرگەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ماقۇللىدى ھەم چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى