تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

لى پېڭشىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئاقئېرىق كەنتىدىكى نەشپۈتزارلىق، كورلا شەھەرلىك مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى، شىنجاڭ خۇڭفەن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەيرۈيشېڭ بىيو قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرەكبازار يېزىسى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوراملىق يېزىسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېتىزلارنى ئارىلاپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنى زىيارەت قىلىپ، باغچە رايونلىرىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نەق مەيداندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غادىيىۋالماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا تۇتۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆگىنىشنى تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى دائىم بوشاشتۇرماي تۇتىدىغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىش، چوڭقۇرلاپ كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مۇستەھكەملەشنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، سىياسەتنى توختاتماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى توختاتماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، تۈرلەرنى توختاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۆزئارا بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىنىمۇ بىلىپ، تەلتۆكۈس ھەل قىلمىغىچە ھەرگىز بولدى قىلماسلىق كېرەك. «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەپ، چۈشۈپ قالغانلارنى ئېنىقلاپ، كەم قالغانلارنى تولۇقلاپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئاساسنى تۇتۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى سىجىل تەرتىپكە سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش، كۈچلەندۈرۈش كېرەك؛ ئىستىلنى تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئوننى قىلىش، ئوننى قاتتىق مەنئى قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىغا ياخشى كۈنلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ