تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ياڭ خوۋۋېي فوتوسى، خەۋىرى: 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃18 قا يەتتى، قۇياش پارلاپ، مەيىن شامال يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتەتتى. كۆنچى دەرياسىنىڭ زۇمرەتتەك سۈزۈك سۈيى يېنىڭ چايقىلىپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر نازۇكلۇق بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتسە، سۆگەت شاخلىرى مەيىن شامالدا يەلپۈنەتتى. باھار يېنىك قەدەملىرىنى تاشلاپ، تاغ، سۇ شەھىرى كورلىغا قاراپ ئاستا-ئاستا كېلىۋاتاتتى، شەھەر ئاھالىلىرى بەس- بەستە سىرتقا چىقىپ، باھارنىڭ ھىدىنى ھېس قىلىشتى.
ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ