تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل شىنجاڭدىن «چوڭ فىلىملەر» ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، چېن چياڭۋېي

  3- ئاينىڭ 9- كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى پۇربە تۈگېجېجاپ يان تېلېفونىنى ئېلىپ مۇخبىرلارغا سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ تېتىما كۆلى، گۈزەلمىكەن! بۇ سۈرەتلەر ياسالمىغان، ھەممىسى تەبىئىي كۆرۈنۈشلەر.» ئۇنىڭ قارىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەممە جايلىرى گۈزەل، ھەممە جايلىرى سۈرەتتەك ئىكەن.

  بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، كىنو «ئۇچقاندەك ئۆتكەن ھايات» قويۇلۇپ، تاماشىبىنلار تۇرۇپ ئەۋجىگە چىقىپ، تۇرۇپ پەسىيىۋاتقان كىنو ۋەقەلىكىگە مەپتۇن بولۇش بىلەن بىللە، يەنە بايىنبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى، بىپايان يايلاق، تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغلار ئارىسىدىكى يول قاتارلىقلار تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.

  بۇلتۇر 10- ئايدا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شۇ كېچە» قويۇلدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا نارات يايلىقى، سايرام كۆلى، ئۈرۈمچى نەنسەن جۈخۇاتەي قاتارلىق جايلارنىڭ مەنزىرىلىرى تاللىنىپ سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلار شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى بەس - بەستە ماختاشتى. يېقىندا «شۇ كېچە 2» شىنجاڭدا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ چوڭ كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىشتا بەس - بەستە شىنجاڭنىڭ مەنزىرىلىرى تاللاندى، «ياتقان يولۋاس، مۆككەن ئەجدىھا» «جاھان قەھرىمانى» «يەتتە شەمشەر» «بۈيۈك تاڭ راھىبى شۈەنزاڭ» «توققۇز ئىقلىم . مۇيۈننىڭ دېڭىزدىكى سەرگۈزەشتىسى» «بىپايان قاقاسلىق خاتىرىسى» «پىلانېت ئاچقۇچىلار» «بۈيۈك چىن خانلىقى ھۆكۈمرانلىقى» قاتارلىق كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا «دادا نەگە بارىمىز» قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىمۇ شىنجاڭدا سۈرەتكە ئېلىنغان. گۈزەل شىنجاڭ كەينى - كەينىدىن چوڭ كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە كۆرۈنۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش، شىنجاڭنىڭ ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇشتىكى بىر يېڭى كۆزنەككە ئايلاندى.

  شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دېڭ خۇڭ چوڭ كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى شىنجاڭدا كۆرۈنۈش تاللاپ سۈرەتكە ئېلىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن دىققەت قىلدى، «گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەنزىرىلىرى چەكسىز، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەنزىرە تاللاپ فىلىمگە ئېلىشقا جەلپ قىلىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى، جىمىسار ناھىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن جاي كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىش بازىسى قۇرۇۋاتىدۇ.

  «گۈزەل مەنزىرىلەر تەشۋىق قىلىنمىسا، كۆمۈلۈپ قالىدۇ، كىنو سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىمىزنى بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشۋىق قىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمىز.» پۇربە تۈگېجېجاپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرغاندىن باشقا، بىز پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، كەڭ تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ ساياھەت كۇرسلۇق مەھسۇلاتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇردۇق.

  دېڭ خۇڭ مۇنداق قارىدى: كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق جايلارنىڭ داڭقىنى چىقارغىلى، ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇشتىكى بىر يېڭى كۆزنەك، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا دۇنياغا يۈزلەنگەن كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش بازىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىنى، داڭلىق رېژىسسورلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەنزىرە تاللاپ سۈرەتكە ئېلىشقا جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بېرىمەن.

  «ھەرقايسى چوڭ كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، پىروگراممىلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىغا كېلىپ مەنزىرە تاللىشىنى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى، گۈزەل ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پۈتۈن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك، ئالاھىدە ساياھەتچىلىكىنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز» دېدى پۇربە تۈگېجېجاپ تەكلىپ قىلىپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ