تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مىڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر تۇرنىسا): مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ھاۋا بەزىدە بۇلۇتلۇق بەزىدە تۇمانلىق بولىدىكەن. كەلگۈسى 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېمپىراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەپ، يۇقىرى تېمپىراتۇرا 5 سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدىكەن.
يەر شەكلى سەۋەبلىك، ئادەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي رايونىدا تۇمان جەنۇبىي شەھەر رايونىغا قارىغاندا قويۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى كۈندە جەنۇبىي شەھەر رايونىدا تۇمان كۆرىنەرلىك قويۇق بولغان. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇمات بەرگۈچىسى چېن چۈنيەن مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتىن، 9-، 10-چېسلا ئىككى كۈندىكى تېمپىراتۇرا، نەملىك دەرىجىسى، تەتۈر تېمپىراتۇرا قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىپ تۇماننىڭ ھاسىل بولۇشىغا پايدىلىق بولدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شامال يۆنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى. ئەسلىدە مەركىزى شەھەرنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا بولىدىغان تۇمان، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى شەرق شىمال شامىلى چىققانلىقتىن، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى تۇمان شامالغا ئەگىشىپ جەنۇبقا يۆتكەلدى، شۇ سەۋەبلىك 10-چېسلا چۈشتىن كېيىن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى تۇمان شەھەرنىڭ شىمالىدىكىدىن قويۇق بولدى.
ئۈرۈمچىدىن سىرت رايونلاردا، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تارباغاتاي رايونى، كۇيتۈن شەھىرى، سانجى شەھىرىدە تۇمان پەيدا بولدى. چېن چۈنيەن مۇنداق دېدى: 10-چېسلا چۈشتىن كېيىنكى مەلۇمات تەھلىلىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا سوغۇق ھاۋا كۆرۈلمەيدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.
ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ